خۇ پىڭ: 'ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش' شوئارى كومپارتىيىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كۆز بويامچىلىقى

سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17‏ - نۆۋەتلىك 5‏ - ئومۇمى يىغىنىدا خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان "ئىگىلىكنى ياخشىلايدىغان تۈزۈلمە بەرپا قىلىپ، ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش" دېگەن يېڭى شوئارنى "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كۆز بويامچىلىق سىياسىتى" دەپ تەنقىدلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.18
Xitay-demokiratchi-xu-ping-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﭼﻰ ﺧﯘ ﭘﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺧﯘ ﭘﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىنىڭ "12 - بەش يىللىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى" ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرى بىلەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بېرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ يىغىن ھەققىدە "كەلگۈسىدە ئىقتىسادنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان يىغىن" دەپ ئۇچۇر تارقاتتى.

غەرب مەتبۇئاتلىرىدىن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى "بۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان باي - كەمبەغەللىك پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋام خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىقنى پەسەيتىش ۋە كومپارتىيىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەدبىر تۈزۈش يىغىنى" دەپ خەۋەر بەردى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇ پىڭ ئەپەندى يىغىندا خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان "ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش" شوئارى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقى ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان "سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش" تەلىپىنى، ئىقتىسادى جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش ئارقىلىق، باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: "بۇ يىغىن، خىتايدا باي- كەمبەغەللىك پەرقى ئېغىرلىشىپ؛ كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ؛ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلىپى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. خەلقئارادا بولسا ' 2008 خىتابنامىسى' ئارقىلىق قانۇن ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان سىياسىي مەھبۇس ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن بىر سەزگۈر ۋاقىتتا ئېچىلدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا جىددىي سىناققا دۇچ كەلگەن مۇشۇنداق پەيتتە، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بۇ يىغىندا 'ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش' دېگەن مۈجمەل شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە بىر قېتىم كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ."

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ، خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان "ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" دېگەن يېڭى شوئارى بىلەن "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش" شوئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئوخشاش مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ئالدامچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: "مەيلى بۇ قېتىم يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'ئىگىلىكنى ياخشىلايدىغان تۈزۈلمە بەرپا قىلىپ، ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش' دېگەن يېڭى شوئار بولسۇن، ياكى بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلغان 'شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى' دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش' شوئارى بولسۇن، بۇ يەردە كومپارتىيىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق. يەنى ' كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى ئالدامچىلىق نەيرىڭى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا بۇ مىللەتلەرگە قارىتا مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئۈچۈن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى باستۇرۇشقا تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر. خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسا كۆپ قىسىم بايلىقنىڭ چىرىكلەشكەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى قولىغا مەركەزلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن، خىتايدىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن 'ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش' دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئالدامچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ."

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرەش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان ليۇ شىاۋبودەك بىر كىشىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم قارار ئېلىش بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشى ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەختكە چىقىدىغان خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ئىشەنچ بىلەن قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى "خىتايدا سىياسىي ئۆزگىرىش بولامدۇ، دېگەن مەسىلىگە ئالدىن - ئالا بىر نېمە دېيىش قېيىن، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىمۇ ھازىر، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، چوقۇم گۇمران بولىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدى. شۇڭا ئىگىلىكنى ياخشىلايدىغان تۈزۈلمە بەرپا قىلىپ، 'ھەممە قاتلام ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش' دېگەن يېڭى شوئارىمۇ ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى ئالداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر قېتىملىق كۆز بويامچىلىق دېيىشكە بولىدۇ،" دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.