خىتاينىڭ كۈچ - قۇدرىتىدىكى جۇغراپىيىلىك ئامىللار
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.27
2010.04.27

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت رايونلىرىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ ئىككى رايون قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا داۋاملىق خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. خىتاي مول نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس ۋە تۆمۈرگە ئوخشاش مول كان بايلىقلىرى كۆمۈلۈپ ياتقان ئۇيغۇر رايونىنى تىنجىتىش ئۈچۈن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا يۆتكىمەكتە.
تىبەت ئېگىزلىكىدە بولسا مول مىقداردا مىس ۋە تۆمۈر بايلىقلىرى بار. مانا بۇ خىتاينىڭ بۇ رايونلارنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنىڭ ۋە جېنىنىڭ بارىچە تاشيول ۋە تۆمۈر يول ياسايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئاپتور روبېرت. د. كەپلېن ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ مەيلى نوپۇس، مەيلى تەسىر كۈچ جەھەتتىن بولسۇن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: خىتاينىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان موڭغۇلىيە زېمىنى كەڭ، ئەمما نوپۇسى ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەمما ئۇ ھازىر شەھەر نوپۇسى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئىلگىرى موڭغۇلىيىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە كۆز تىككەن خىتاي، ئەمدى موڭغۇلىيىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىسى رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق قىسمى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. نوپۇسى ئاز بولغان بۇ رايونلار مول مىقداردا نېفىت، تەبىئىي گاز، بېرليانت ۋە ئالتۇن زاپىسىغا ئىگە. ئەلۋەتتە خىتاي بىر كۈنى بۇ يەرگە ئارمىيىسى بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىنى ئىشغال قىلىۋالمايدۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرىنىمۇ كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ "شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى تەشكىلاتى" ئارقىلىق خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قىممەت ماللارنى سېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ دۆلەتلەردىن تۆۋەن باھادا ئاشلىق ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە دۈشمەنلىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا قارىغاندا كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دېڭىز ساھەسىدە مەسىلىسى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ.
روبېرت.د.كەپلېن خىتاينىڭ تەيۋەننى پەقەت ئارمىيىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ خىتاينىڭ رايوندا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدە ۋەدىسىدىن يېنىۋالسا، ئۇ چاغدا ياپونىيە، كورىيە، فىلىپپىن ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەممىسى ئامېرىكىغا ئىشىنىش - ئىشەنمەسلىك ھەققىدە گۇمانغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي يېرىم شارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدە، ئەگەر ئامېرىكا ئوكيانىيىدىكى ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرسا، بۇنىڭ جان جەھلى بىلەن كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا ساقچى سۈپىتىدە جايلاشتۇرۇلىدىغان دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا خىتاينىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچلىنىشى، كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. سىياسەتشۇناس جون مىرشىمىرنىڭ سۆزىچە، غەربىي يېرىم شارنىڭ خوجايىنى بولغان ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي يېرىم شارنىڭ خوجايىنى بولۇشىنى توسۇشقا تىرىشىدۇ. مانا بۇ زامانىمىزدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى بوپقالىدۇ.
خىتاينىڭ كۈچ - قۇدرىتىدىكى جۇغراپىيىلىك ئامىللار ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى روبېرت كەپلېن يېڭى ئامېرىكا خەۋپسىزلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسى يەنە داۋاملىق ئېلان قىلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.