خىتاينىڭ كۇچار ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تازىلاش ھەرىكەتلىرى ۋە ئىنكاسلار

ئاۋغۇست ئېيىدا كۇچاردا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارغا قارىتىلغان كونترول قىلىش، باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەرلەردىن تاكى يېزىلاردىكى كىچىك مەھەللىلەرگىچە مەخسۇس نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ ھەر بىر ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن سىرت ، خالىغان ئادەملەرنى تۇتۇپ ئاپىرىپ، ئۇرۇپ سوراق قىلىپ، باشقىلارغا ئايغاقچىلىق قىلىشقا سالغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆيمۇ - ئۆي يۈرۈپ كارتا تارقىتىپ، بۆلگۈنچىلىك گەپ - سۆزلىرىدە ۋە ھەرىكەتلىرىدە بولغانلارنى پاش قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە پاش قىلغانلارغا 5مىڭ سوم مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى بۇ ھەقتە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىنى تونۇشتۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۇچاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلرىغا ، بولۇپمۇ خەلقئارادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ نام ئالغان ھېزبۇ - تەھرىر تەشكىلاتىغا باغلاشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېزبۇ - تەھرىرنىڭ تەسىرىنى تازىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇچار ۋە باشقا رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئامال بار ھېزبۇ - تەھرىرگە باغلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدەك رەزىل نىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ قارايدۇ.

بۇ ھەقتە، دىنى زات قۇربانجان ئەپەندى ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتنى ئاڭلايسىز.