بۇ چارە خىتاينىڭ تېررورغا قارشى تەشۋىقاتتا خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتسە يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە: خىتاي خەلقئارا تېررورغا قارشى ھەرىكەتنى سۈيئىستىمال قىلماقتا. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە بولسا، خىتاي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ كۆرسەتمەكتە. مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە بولسا، خىتاي تېررورغا خاتا تەبىر بەرمەكتە. خىتاي بولسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىمەكتە. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپات ئېلانى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى پەرقلىق بىر نۇقتىدىن يورۇتۇپ بەرمەكتە.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر مۇكاپات ئېلانى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا ئائىت تەشۋىقاتىدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىنكاسى. تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئېلان كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
بۇ نۇقتىنى ئىلشات ئەپەندىمۇ ئوخشاش تەكىتلەيدۇ. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا يۈزدە - يۈز ساپ نەرسە يوق؛ مىللەتلەرنىڭ سۈپىتى مەسىلىسىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىلغار ۋە ھەر قانچە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت تەركىبىدىمۇ مەنپەئەتپەرس كىشىلەر بولىدۇ. خىتاي مەزكۇر مۇكاپات ئېلانى ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئاجىز نۇقتىغا خىتاپ قىلغان.
ئۆز ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، زۇلۇمغا ئىسيان كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن ئەزەلدىن ئىجابىي ناملار بىلەن ئاتالغان ئەمەس. 1944 - يىلىدىكى ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئاتقان غېنى باتۇر، فاتىخ مۇسلىم، ئەكبەر قاتارلىق كىشىلەر ئەينى چاغدا 6 ئوغرى دەپ ئاتالغان. 1950 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابچىلار ئەكسىلئىنقىلابچى ئاتالغان. مانا بۇ نۇقتىلارنى ئەسكەرتكەن ئىلشات ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر مۇكاپاتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ يېتىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە ئەركىن تەلىم - تەربىيە مۇھىتىدىن مەھرۇم، شۇڭا مەزكۇر مۇكاپات ئاز ساندىكى كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي كۈتكەندەك چوڭ نەتىجە بېرىش ئېھتىماللىقى يوق.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، "پەلەستىن رەھبىرى ئارافاتنىڭ 50 يىل تېررورچى ئاتىلىپ ئاخىر نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى ئالغانلىقى، جەنۇبى ئافرىقا ئىنقىلابچىسى ماندىلا نېلسونمۇ 90 يېشىغا قەدەر تېررورچى قالپىقى بىلەن ياشىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەنە ئەشۇ قالپاقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى؛ كوسوۋانىڭ بۈگۈنكى باش مىنىستىرى ھاشىم تاچىنىڭمۇ 10 يىلنىڭ ئالدىدا تېررورچىلار تىزىملىكىدە ئىكەنلىكى قاتارلىق پاكىتلارنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تېررورلۇق تەشۋىقاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرالمايدىغانلىقى" نى ئەسكەرتتى.