مەركىزى نيۇيوركتىكى " كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى" نىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى Nicholas Bequelin تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان " ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئەسكەرلىرىنىڭ، تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى" دېگەن تېمىدىكى 73 بەتلىك دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر رايونىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتى، تەن جازاسى يۈرگۈزۈش ھەمدە قالايمىقان قولغا ئېلىش قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق مەتبۇئاتلار نىكولاس بېكۇلىننى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا شاھىتلارنىڭ، ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن لاسا ۋەقەسىدە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئوقۇغۇچى، دىنىي زات ۋە پۇقرالارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە بەرگەن ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نىكولاس بېكۇلىننىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان 14 - مارت لاسا ۋەقەسى ھەققىدە كۆپلىگەن تالاش - تارتىشلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى پۈتۈنلەي قامال ئاستىغا ئالغانلىقى، مۇخبىرلار بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ ئەسلىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
203 نەپەر تىبەتلىك تەمىنلىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن تەييارلانغان مەزكۈر دوكلاتنىڭ تەرەپسىز ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن Nicholas Bequelin مۇنداق دېگەن ":جۇڭگو ھۆكۈمىتى، سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنى ئىزچىل تۈردە سىياسىي غەرىزى بار دەپ كۆرسەتمەكتە، شۇڭا بىز چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى قوللانمىدۇق. بىز ئۆزىمىز بىۋاستە ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا تاياندۇق. بولۇپمۇ، تىبەتكە بارغان چەتئەللىكلەر، چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسەن دوكلاتنى ھازىرلىدۇق".
ئومۇمەن دوكلاتتا،ئاساسلىق 14 - مارت كۈنى يۈز بەرگەن قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە بۇ يىل 4 - ئايغىچە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تىبەت رايونلىرىدا يۇرگۇزۋاتقان ھۇجۇم خاراكتېرلىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن سىرت، كۆپلىگەن شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىرى قەيىت قىلىنغان بولۇپ، شاھىتلاردىن Tenpa ئىسىملىك بىر ياشنىڭ سۆزى دوكلاتتا نەقىل ئىلىنغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى دەسلەپ ئاسمانغا قارىتىپ بىر قانچە قېتىم ئوق چىقارغان، نامايىشچىلار قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشىنى پەرەز قىلالماي، ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرگەن. تۇيۇقسىزلا نامايىشچىلار ئوق يامغۇرىغا تۇتۇلغان. تېنپانىڭ سۆزىچە، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورتاق قارار چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
لاسا پۇقراسى Dorje نىڭ سۆزىمۇ دوكلاتتا يەر ئالغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن.
" خىتاي ئەسكەرلىرىدىن بىر قانچىسى مېنى تاسمىسى ۋە مىلتىق پەينىكى بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە قاتتىق ئۇردى، مەن قانغا مىلاندىم. لېكىن، ئۇلار مېنى مىدىرلىيالمىغىدەك ھالەتكە كەلگىچە ئۇردى ۋە مېنى ئۆلدى دىيىشتى بولغاي كېتىپ قېلىشتى".
دوكلاتتا، گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىزچىل تۈردە يوشۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شاھىتلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 14 - مارت كۈنى، لاسا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا، سىچۈەن ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ تىبەتلەر ياشايدىغان رايونلىرىدا تىبەتلەرنىڭ ئوق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسىي بېسىمى ئاستىدا، خەلقنىڭ ھەقىقەتنى پاش قىلىشتىن قورقۇپ بۇ ھەقتىكى دەلىللىك ئىسپاتلارنىڭ باستۇرۇلۇپ قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
Bequelin ئۆزى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ دوكلاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 14 - مارت ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن رېئاللىقنى، ھېچقانداق سىياسىي چارە قوللانمىغان ئاساستا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، 14 - مارت ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ، ۋەقەنى دەرھال سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى قوزغىغان سىياسىي " توپىلاڭ" قىلىپ خۇلاسە چىقىرىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ مەسىلىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۋەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدە مەۋجۈت بولغان تەڭسىزلىكلەرنى ھەل قىلىش ئورنىغا، مەسىلىنى " توپىلاڭ" غا ئايلاندۇرۇپ، بىگۇناھ خەلقنىڭ ھاياتى بەدىلىگە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 1978 - يىلى نيۇيوركتا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكلىرىنى ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان تەرەپسىز تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.