خىتاي ماللىرى مىسىرنى قاپلاپ كەتتى

سۈرىيىدە يەرلىك ھۈنەرۋەنلەر، توقۇمىچىلار ۋە تىكىشچىلەر سۈرىيە بازارلىرىنى تولدۇرۇۋەتكەن خىتاي ماللىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىش تاشلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال مىسىر خەلقىگىمۇ تەسىر قىلغان. چۈنكى مىسىر بازارلىرىدىكى خىتاي ماللىرى سۈرىيە بازارلىرىدىكىدىن قېلىشمايدۇ.

0:00 / 0:00

مىسىرنىڭ "ئەل مۇھىت" تور بېكىتىدە "خىتاي ماللىرىنىڭ ئايىغى قاچان ئۈزۈلىدۇ؟" دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:" ھۆكۈمەت بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مىسىرلىق ئىش ئادەملىرىنى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بازارلىرىمىز خىتاي دۆلىتىدىن كېلىدىغان، نەرقى ئەزان ئەمما چىدىمايدىغان ساختا ماللار بىلەن تولۇپ تاشماقتا. ياز پەسلى كېلىشى بىلەن مىسىرنىڭ شۇبرا، ئۇمرانىيە، فەيسەل، ھۇلۋان ۋە باشقىمۇ رايونلىرىدىكى بازارلاردا خىتاينىڭ يەرمەنكىلىرى ئېچىلغاندىن تاشقىرى، مىسىرنىڭ ھەر قايسى كوچا - بازارلىرىدا خىتاي ماگىزىنلىرى ھەدەپ ئېچىلماقتا. بۇ ماگىزىنلارنى خىتايلار بىۋاسىتە ئۆزلىرى ئىدارە قىلماقتا. مۇندىن باشقا خىتاينىڭ ياش قىز - ئوغۇللىرى مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە تولۇپ تاشماقتا. گاھىدا توساتتىن بىرى ئىشىكىڭىزنى قاقىدۇ، ئىشىكنى ئاچقىنىڭىزدا، خىتاي ماللىرى بىلەن سومكىلىرىنى تولدۇرۇۋالغان بىر ياكى ئىككى خىتاي قىزى مىسىر شىۋىسىنى بۇزۇپ سۆزلىگەن ھالدا، ئېلىپ كەلگەن نەرسە ‏- كېرەكلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار مىسىر بازارلىرىنى قولىغا ئالغاننىڭ سىرتىدا، سومكا كۆتۈرۈش تىجارىتى بىلەنمۇ ھەر قايسى مەھەللىلەرنىڭ سودا ئىشلىرىنى قولىغا ئېلىۋالماقتا".

""خىتاي ماللىرى مىسىرنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان سالماقتا

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ماللىرىنىڭ يوللۇق ۋە يولسىز ھالدا مىسىر بازارلىرىغا ھەدەپ كىرىپ، يەرلىك ماللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زىيان، شىركەتلەر، سودىگەرلەر ۋە شەخسلەرنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتماقتا. تور بېكىتىمىزنىڭ مۇخبىرلىرى مىسىرلىق پۇقرالارنىڭ مىسىر بازارلىرىدا يېيىلىپ ياتقان خىتاي ماللىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. قاھىرە شەھىرىنىڭ شۇبرا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۆي ئايالى ئەدلىيە سەفۋەت مۇنداق دەيدۇ: " ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى تولا قېقىلىدۇ. ھەر قېتىمدا ئىشىكنى ئاچقىنىمدا، بىر خىتاي قىزى يوغان سومكىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا، ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇرىدۇ. كۆتۈرۈۋالغان سومكىسى يىڭنە، يىپ، قول چىرىقى، قاچا، پىچاق ۋە باشقا خىتاينىڭ ئۆي ئەشيالىرى بىلەن لىق تولغان. مەن ھەر قېتىمدا، بۇ ئەشيالارنىڭ ئەرزانلىقىغا ئالدىنىپ كۆپ سېتىۋالىمەن. كېيىنكى ھەپتىسى يەنە شۇ نەرسىلەرنى قايتا سېتىۋالىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان نەرسىلىرى ئاران بىر ھەپتە ئەسقاتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۆي ئەشيالىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ماللىرىغا ئايلىنىپ بولدى. بۇ ماللارنىڭ نەرقى ئەرزانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدىكەن، ئەمما ئۇزۇن چىدىمايدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك ماللىرىمىز گەرچە بىر ئاز قىممەترەك بولسىمۇ، ئۇزۇن راۋاج قىلىدىكەن. شۇڭا ھەممىدىن ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ماللىرىمىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم."

"خېرىدارلىرىمىزمۇ ئۆيلىرىگە تەييار ئەكىلىپ بېرىلگەن خىتاينىڭ ساختا ماللىرىغا ئالدىنىپ قالدى"

مۇخبىرلىرىمىز مىسىرلىق دۇكاندارلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغان. قاھىرە شەھىرىدىكى كىچىك بىر تەييار كىيىم ماگىزىنىنىڭ ئىگىسى مۇھەممەد ئەتىيە ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:" خىتاي ماللىرى ئۆيلىرىمىزنى خاراپ قىلغاننى ئاز دەپ، ئەمدى دۇكانلىرىمىزغا زىيان سالماقتا. مەن بۇرۇن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 مىڭ جۈنەيلىك مال ساتاتتىم. ئەمما ھازىر ئەتىگەندىن كەچكىچە ساتقان مېلىم 5 مىڭ جۈنەيگە يەتمەيدۇ. بۇ خىتاي ماللىرىنىڭ بازارلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى دۇكانلىرىدا تولۇپ تاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى قېقىپ يۈرۈپ مال سېتىشلىرى سەۋەبىدىن بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن ھەر پەسىلدە نەرسە ‏- كېرەكلىرىنى بىزدىن سېتىۋالىدىغان ئۇزۇن يىللىق خېرىدارلىرىمىزمۇ بىزدىن يۈز ئۆرۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆيلىرىگە تەييار ئەكىلىپ بېرىلگەن خىتاينىڭ ساختا ماللىرىغا ئالدىنىپ قالدى. بىز بولساق زىيان تارتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا بىزنىڭ ئىشىمىز تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.