ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرگە كېلىپ - كېتىدىغانلار ۋە خېرىدارلار كۆپ بولغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەر كۆپرەك نېفىتكە تايانغانلىقتىن، بۇ دۆلەتلەرگە كىرگەن چەتئەل ماللىرى يەرلىك خەلقنىڭ ئېگىلىكىگە ئانچە زور تەسىر قىلىپ كەتمىگەن بىلەن، مىسىر ۋە سۈرىيىگە ئوخشاش دۆلەتنىڭ بايلىقى ۋە خەلقنىڭ كىرىمى يەرلىك فابرىكىلارغا تايىنىدىغان دۆلەتلەرگە چەتئەللەردىن كىرگەن ئەرزان ماللارنىڭ زىيىنى ناھايىتى كۆپ بولماقتا. ھەتتا سۈرىيىدە يەرلىك فابرىكىلاردىن يۈزدە 70 پىرسەنتى ئىشتىن توختاپ قالغان.
"ئەل جەزىرە"نىڭ خەۋىرى
قاتارنىڭ"ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2010 - يىلى22 - ئاپرىل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، سۈرىيە خەلقىنىڭ، خۇسۇسەن سۈرىيىدىكى يەرلىك فابرىكىلارنىڭ خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن تەييار كىيىم - كېچەكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن مۆلچەرلىگۈسىز زور ئىقتىسادىي كرىزىسقا يۈز تۇتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن سۈرىيىدە دۇكاندارلار ۋە كىيىم - كېچەك فابرىكىلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىتاي ماللىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دېئىيىلگەن: "سۈرىيىگە خىتاي ماللىرىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى ۋە يەرلىك ماللارنىڭ ئورنىنى ئېگىلىشى نەتىجىسىدە، سۈرىيىنىڭ يەرلىك فابرىكىلىرىدىن يۈزدە 70 پىرسەنتى ئىشتىن توختاپ قالدى. خۇسۇسەن خىتاينىڭ باھاسى ئەرزان، ئەمما سۈپىتى ناچار تەييار كىيىملىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغان كىيىم تىكىش فابرىكىلىرىنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپ بولماقتا. ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە، سۈرىيىنىڭ دەمەشىق ۋە ھەلەب شەھەرلىرىدە، مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلەپ كەلگەن چوڭ فابرىكىلاردىن 74سى تاقىلىپ قالغان، نۇرغۇن ئىشچىلار ئىشسىز قالغان. بۇ سەۋەبتىن سۈرىيىنىڭ دەمەشىق ۋە ھەلەب شەھەرلىرىدە، ئىككى كۈندىن بىرى مىڭلارچە ئىشچىلار ئىش تاشلىغان."
خىتاي ماللىرى سۈرىيىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىدۇ
"ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان سۈرىيىلىك بىر ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: "سۈرىيە قانۇنى چەتئەللەردىن ئېلىپ كەلگەن ماللارغا يۈزدە 50 پىرسەنت ئەتراپىدا باج ئېلىشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، مۈشكۈللەر سودىگەرلەرنىڭ يولسىزلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا. چۈنكى، نۇرغۇن سودىگەرلەر خىتاينىڭ تەييار كىيىملىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن سۈرىيە بازارلىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا يەرلىك ماركىلارنى چاپلاپ ساتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قانۇن ئۇلارنى تۇتالمايدۇ ۋە باجمۇ ئالالمايدۇ. چەتئەل ماللىرى سۈرىيە بازارلىرىغا مۇنداق توختىماستىن كىرىۋېرىدىغان بولسا، سۈرىيە يەرلىك ماللىرىنىڭ كېلىچەك تەقدىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.