خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش نارازىلىقنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق زوراۋان سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى تۈرلۈك تىنچلىق يوللىرى بىلەن ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ياكى خىتاي ئىقتىسادىنى قوللىماسلىقOpens in new window ]

ئارقىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان كوممۇنىست خىتايغا ئۆز نارازىلىقى ھەم قارشىلىقىنى ئىپادىلەشمۇ، ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردە بارغانچە كېڭىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

"خىتايدا ئىشلەنگەن" دەپ يېزىلغان ماللار نۆۋەتتە باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن بارغانچە دۇنيا بازارلىرىنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىلامېن قوشۇلغان زەھەرلىك سۈت پاراشوك ۋەقەسى، زەھەرلىك چىش پاستىسى، خەتەرلىك چاق، زەھەرلىك يېمەكلىك، قوغۇشۇنلۇق ئويۇنچۇق، زەھەرلىك سىر ۋەقەلىرى ئارقا ‏- ئارقىدىن پاش بولۇپ خىتايدا ئىشلەنگەن ماللارنىڭ سۈپىتىدە ھەقىقەتەن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. شۇڭا خىتايدا ئىشلەنگەن ماللاردا كۆرۈلگەن ئېغىر سۈپەت ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى، خىتاي ماللىرى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنماقتا.

خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، نۆۋەتتە پەقەت ئىقتىسادىي ئامىل سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبلىكمۇ ئاممىۋى بىر ھەرىكەتكە قاراپ تەرەققى قىلماقتا.

بولۇپمۇ - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇريىتىدە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسى كېڭەيدى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا، ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىدىن باشلاپ،خىتاي مېلىنى ئىشلەتمەسلىك ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقنى ئىپادىلەشتەك بىر تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكىتى قانات يايماقتا.

ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق پرىنسىپى بىلەن ياشاۋاتقان نۇرغۇن ياش ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بولۇپ، يېقىندا تۇرمۇش قۇرغان ۋاشىنگىتوندىكى بىر ئايالنىڭ "خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش" تەجرىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى زىيارەت قىلدۇق.

مەرىيلەن شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق تۆت پەرزەنتى بولغان بىر ياش ئۇيغۇر ئانا ئۆزىنىڭ خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىپ ياشاۋاتقىنىغا بىر قانچە يىللار بولغانلىقى، ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق پرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ ياشاش ئانچە ئاسانغا توختىمىسىمۇ، بۇنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلارنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ‏- خىتاي ئىقتىسادى ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ خىتاي ماللىرى ئامېرىكا بازىرىنى ماناپول قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكا ئىستىمال بازىرىدىكى تۈرلۈك ماللارنىڭ 60%خىتايدىن كىرگۈزۈلگەنلىكى تەخمىنلەنمەكتە. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنىڭ سۈپىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە بولغان نارازىلىقلار بۇ دېموكراتىك ئەلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى خىتاي ئىقتىسادىنى قوللىماسلىق ھەرىكىتىگە ئېلىپ كىرمەكتە.

ۋېرجىنىيا شىتاتىدىكى BRANDA SHEETS خانىم تۆت يىلدىن بۇيان ئائىلىسى بويىچە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىرى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتايغا بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى:

-- بىز خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىققا باشلىغىلى بىر قانچە يىل بولدى، ئاساسلىقى ساقلىق بىخەتەرلىكىمىزنى ساقلاش، بىخەتەر ئىستىمال بويۇملىرىنى ئىشلىتىش، يەنە بىرسى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى بۇنىڭغا سەۋەب بولدى. ئائىلىمىزدە مەن ۋە ئېرىم، ئىككى ئوغلۇم ۋە ئىككى قىزىم شۇنداقلا سەككىز نەۋرەم ھەممىمىز تۇرمۇش بويۇملىرى، يىمەك ئىچمەك، كېرەكلىك بارلىق بويۇملارنى سېتىۋالغاندا، خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئىنتايىن دىققەت بىلەن ساقلىنىمىز.

-- خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى مەن باشلىغان، ئاخىرى بىز ئۆتكەن يىلدا يېڭى ئۆيىمىزنى پۈتۈنلەي خىتايدا ئىشلەنگەن ماللاردىن خالى ھالدا قۇرۇپ چىقتۇق، ئامېرىكىدىكى ماللارنىڭ بولۇپمۇ بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان بويۇملارنىڭ 90% ى خىتايدىن كەلگەن،ئەلۋەتتە خىتاي ماللىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ‏- بۇ ئاسان ئەمەس، لېكىن تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش.

-- خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بىزگە ئىنتايىن تونۇشلۇق. ئۇ جايدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قىممىتى يوق، - 5 ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆرگىنىمىندە ئۇلارنىڭ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتا قويۇپ دۇنيا ئاخباراتىدىن يۇشۇرۇپ تۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىگەن ئىدى، ھازىرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانى قارىتىپ قويۇپ يەنە بۇ باستۇرۇشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساقمۇ بىرلىكتە، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىنى قوغدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قوغدىغان، بولۇپمۇ ئۆزىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بولمىغان، باستۇرۇلۇۋاتقان،ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان خەلققە بولغان ئازغىنە ياردەم ھەم قوللىشىمىزنى ئىپادىلىگەن بولىمىز. مانا بۇ بىز قىللايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە قارشى تۇرغاندىلا خىتاي ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

BRANDA خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىدە خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېسىپ كىرىشىمۇ زور رول ئوينىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدا خىتاينىڭ مېلىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى بارغانچە كۈچلىنىۋاتقان ئىكەن، شۇنداقلا ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ماللىرىغا چەك قويۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ ساندا كىشىلەر، ئامېرىكا شىركەت، زاۋۇت كارخانىلىرىنى خىتايدىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، بۇ ئامېرىكىدا ئىش پۇرسىتى ھەم ئىقتىسادنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىكەن.

مەيلى قانداقلا سەۋەب ۋە مەقسەتنىڭ تۈرتكىسىدە بولمىسۇن، ئامېرىكىدا ئامما ئارىسىدا خىتاينى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم، ھەتتا بۇ ھەقتە قىزىل خىتاينى بايقۇت قىلىش مەقسىتىدىكى مەخسۇس تور بەت ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قۇرۇلغان. بەزى شەخسلەر تور بەتلەردە خىتاينى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلماقتا.