خىتايدىكى مىللەتچىلىك، ئىرقچىلىق 'جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرى'دىن كەلگەنمۇ؟

بۈگۈن خەلقئارادا، خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىغا چوقۇنۇش ۋە بۇنىڭغا چېتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىرقچىلىقنى ئاشكارىلايدىغان يېڭى مۇلاھىزىلەر، ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'خىتاي ھەققىدە مۇلاھىزە' ژۇرنىلىدا، ئامېرىكىدىكى شەرقىي - شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، سىنگاپور دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا كوممۇنىزم ھەرىكىتى دېگەن تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان چېڭ ياڭخۇڭ بۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان قەدىمقى مايمۇنلارغا چوقۇنۇش ھەرىكىتىنى، يەنى قەدىمقى جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىنى 'جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بەش يۈز مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەجدادى' دەپ چوقۇنۇش ئارقىلىق قوزغالغان خىتاي مىللەتچىلىكىنى قاتتىق سۆكتى.

خىتاي دائىرىلىرى قوزغاۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ناھايىتى قويۇق ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان

ئاپتورنىڭ بايان قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 'جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرى' تېپىلغان جايدا مۇزېي قۇرۇپ، ئۇنى 'بېيجىڭ ئادىمى مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى' دەپ ئاتاپ، بۇ جايدىن تېپىلغان قەدىمقى مايمۇنلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرىنى خىتاي خەلقىنىڭ ئەجدادى چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. ھەتتا بۇنى 'ئەجدىھا' دەپ ئاتالغان خىتاي توتېمىغا چېتىۋالدى. بۇ ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى قوزغاۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ناھايىتى قويۇق ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، قەدىمقى مايمۇن جىسىملىرى تېپىلغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاغلىرىدىكى جۇكۇدىيەن دېگەن جايدا قۇرۇلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان كىتابچىلادا 'بۇ جاي خىتاي مىللىتى پەخىرلىنىدىغان جاي، دۇنيامۇ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي مەدھىيىلەۋاتقان جاي. بۇ جايدا بۇنىڭدىن بەش يۈز مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان بېيجىڭ ئادىمى ھازىرقى خىتاي خەلقى بىلەن قانداش، قەلبداش، ئورتاق ئارزۇغا ئىگە. خىتاي مىللىتىنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى مۇشۇ جايدا بىخلانغان. بىز قەدىمقى بېيجىڭ ئادىمىنى ئەسلەيمىز، ئۇلار بىزگە بەخت تېلىمەكتە' دەپ يېزىلغان.

جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرى ياكى جەنۇبىي خىتاي مايمۇنلىرى دېگەنلەرنىڭ ئاللىقاچان ئەۋلادى قۇرۇپ كەتكەن

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، قەدىمقى ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىش، ئەسلىدە پەن -تېخنىكا ساھەسى تەتقىق قىلىۋاتقان تېمىلار ئىدى. لېكىن كوممۇنىست خىتاي بۇ ساھەنى خىتاي ئىرقچىلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتايدا ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ، قەدىمقى جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىنىڭ تاش جىسىملىرى تېپىلغان تاغلارغا بېرىپ، ئۇنى ئەجدادىمىز دەپ قەبرە سۈپۈرۈپ، تاۋاپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىدىكى DNA ئانالىزى، زامانىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى 250 مىڭ يىل بۇرۇن شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغان ئىنسانلار بىلەن قانداش ئىكەنلىكىنى، خىتايدا 'بېيجىڭ ئادىمى' دەپ ئاتالغان جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىنىڭ ياكى 'يۇەنمۇ ئادىمى' دەپ ئاتالغان جەنۇبىي خىتاي مايمۇنلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئەۋلادى قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى.

چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ھېچقايسى، ھازىرقى زامان خىتايلىرىنىڭ جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىدىن تۆرەلگەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايقىمىدى

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى باررى ساۋتمان 2001‏ - يىلىدىلا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ئاسىيا تەتقىقاتى' ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتايلار جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىدىن تۆرەلگەن، دېگەن كۆز قاراش ماۋزېدۇڭ قوزغىغان 'مەدەنىيەت ئىنقىلابىي' دەپ ئاتالغان دەۋردىلا تىكلەنگەن دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارادىن بىر قىسىم ئارخىئولوگلار، مىللەتشۇناسلار خىتايغا كېلىپ بۇ تېمىنى تەتقىق قىلدى. بەزى ئالىملار ھەتتا يېرىم ئۆمرىنى جۇكۇدىيەندە ئۆتكۈزدى. پاۋل پىكوۋىكس قاتارلىق ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 2007‏ - يىلى نەشر قىلىنغان ئىدى. بۇ ئالىملارنىڭ ھېچقايسى، ھازىرقى زامان خىتايلىرىنىڭ قەدىمقى جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىدىن تۆرەلگەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايقىمىدى.

'دۇنيادا بۇنىڭدىن ئۆتەر ھاماقەتلىك بولمىسا كېرەك'

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا تۇرۇۋاتقان فىزىكا ئالىمى، تارىخشۇناس جۇ شۆيۈەن بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: خىتايدا تېخىچە ھۇشىنى تاپمىغانلار كوممۇنىست پارتىيىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي دېگەن بۇ مىللەتمۇ تېخىچە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تادان كومزىكىدە كولدۇرلاۋاتىدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتايدىكى ھازىرقى جەمئىيەت، ئىنسان ۋە تىل - يېزىق كۆز قارىشى تېخىچە ستالىن بەلگىلەپ بەرگەن سىزىقتىن چىقالمىدى. شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان خىتايلىرى، ئاللىقاچان ئەۋلادى قۇرۇپ كەتكەن جۇكۇدىيەن مايمۇنلىرىنى ئاتا - بوۋام دەپ نەزىر - چىراق قىلىپ يۈرۈيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، خىتايلارنىڭ ئۆزىنى ‏- ئۆزى يوققا چىقارغانلىقى، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئۆتەر ھاماقەتلىك بولمىسا كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.