2012-يىلى تۈركىيىدە «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» پائالىيەتلىرى بولىدۇ

تۈركىيىدىكى «زامان گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيىدە 2012-يىلىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيەتلىرىنىڭ 12-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە باشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

0:00 / 0:00

مەزكۇر «2012-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە خىتاي مەدەنىيەت يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە سەنئەت كېچىلىكى بىلەن «رەڭگارەڭ يىپەك يولى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا يەنە، «يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان سېھىرلىك خىتاي» تېمىسى ئاستىدا تەبرىكلىنىدىغان «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» پائالىيىتىدە ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىي يادىكارلىقلار، رادىئو، كىنو، مائارىپ، قونچاق سەنئىتى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، بۇرسا، ئانتالىيە، مەرسىن ۋە تىرابزون قاتارلىق شەھەرلەردە 70 قېتىمدىن ئارتۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

turkiye-mediniyet-ministiri-ertugrul-gunay-xitay-heyet-gong-shyawsheng-385.jpg
تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇگرۇل گۇناي خىتاي ھەيئەت باشلىقى گوڭ شياۋشەڭ بىلەن. 2011-يىلى 6-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

2012-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن 2013-يىلى خىتايدا تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى بولىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئەنقەرەدە جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. 2012-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈركلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ 2012-يىلى تۈركىيىنىڭ كۆپ ساندا ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدە خىتاينى تونۇشتۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ خىتاي بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا قارشى نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.