خىتاي ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا سىياسىي مەھبۇسلارنى پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا

سىياسىي مەھبۇسلارنى قىيىن قىستاققا ئېلىش، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىش دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان ھادىسە؛ ئەمما مەھبۇسلارنى قاماپ ۋە جازالاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى ئەل - جامائەت ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلدۇرۇش، پەقەتلا خىتايدا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

0:00 / 0:00

بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتتىكى بىر راھىب خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىگە سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ، بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلغان راھىبنىڭ ئىسمى Norgye بولۇپ، ئۇ 2 يىللىق قايتا تەربىيە جازاسىنى يېڭىلا تاماملىغان. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلىۋاتقاندا، بېيجىڭ ۋە لخاسادىن كەلگەن ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى ۋە بىر بەشتە ياخشى (ھۆكۈمەت تەرەپدارى) راھىب، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تۇرغان.

نورگيې سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇرۇن قانۇننى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋەزىيەت ھەققىدە توغرا خۇلاسە چىقىرالمىغانلىقىنى، ئەمدى قايتا تەربىيە جەريانىدا قانۇننى چۈشىنىپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلىدە نورگېي، 2008‏ - يىلى تىبەتتە 14 ‏- مارت ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 ھەپتە ئۆتكەندە ئىبادەتخانىغا زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا يىغلاپ تۇرۇپ سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، 14 ‏- مارتتىكى ۋەقەدە تىبەتلىكلەردىن كۆپ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شۇ قېتىم، تىبەتتە ئەركىنلىك يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىنىڭ 10 ‏- مارتتىن باشلاپ، ئىبادەتخانىدىن سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تۈنۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇنىڭدىن "تىبەتتە ئەركىنلىك بارمۇ؟" دېگەن سوئالنى قايتا سورىغان. نورگېي بۇ سوئالغا "بار" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما ئۇ بۇ سۆزنى ئاۋازىنى پەس قىلىپ ۋە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ ئېيتقان.

ب د ت مۇتەخەسسىسى نوۋاك تېخى ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا تەن جازاسىدىن باشقا، روھىي جازا قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمگەك بىلەن قايتا ئۆزگەرتىش دېگەن بۇ تۈزۈمنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش جازاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نوۋاك شۇ قېتىمقى سۆزىدە روھىي جازانىڭ خىتايدا ئاساسلىقى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سابىق مەھبۇسلاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي سىياسىي مەھبۇسلارنى پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلىشقا مەجبۇرلاشتا ئىككى تۈرلۈك ۋاستە قوللانماقتا؛ بۇنىڭ بىرى تەھدىت سېلىش، يەنە بىرى بولسا قايمۇقتۇرۇش.

خىتاينىڭ بۇ تۈر جازالىرى ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ ھاللاردا كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.