ئەنقەرەدە كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى


2007.12.25

HurriyetGezitiKongzi-200.jpg
ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 24- دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى" ماۋزۇلۇق خەۋەر. Newspaper Source / Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى رەسمىي قۇرۇلغان. تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 24- دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى" ماۋزۇلۇق خەۋەردە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى پروف. در. ئۇرال ئاقبۇلۇت ئەپەندىنىڭ گېزىتكە بەرگەن باياناتىغا يەر بېرىلگەن. ئۇ باياناتىدا خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى ۋە تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ مەركەزنىڭ تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى، 2008- يىلى 2- ئايدىن ئېتىبارەن خىتايچە ئۆگىتىش باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. ئۇرال ئاقبۇلۇت ئەپەندى ھۆرىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا تۈركلەرنىڭ خىتاينى ياخشى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: "خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدە تۈركلەر ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بار. تۈركىيىدە خىتايچە بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئاز بولغاچقا تۈرك تارىخىنى تولۇق بىلمەيمىز. چۈنكى تارىختا تۈركلەر ئەڭ كۆپ ئالاقە قىلغان دۆلەت خىتايدۇر. شۇڭا خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر تۈرك تارىخىنى يورۇققا چىقىرىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دۆلىتى زورىيىۋاتقان بىر كۈچ."

پروف. در. ئۇرال ئاقبۇلۇت ئەپەندى باياناتىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزىنى خىتايلار بىلەن ئورتاق قۇرغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:"بىر قانچە ئاي بۇرۇن خىتاي ئەلچىسى خىتاي مەدەنىيىتىنى ، خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئورتاق بىر مەركەز قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە مۇۋاپىق كۆردۇق. مەركىزىمىزگە خىتايلار ئوقۇتقۇچى ئەۋەتمەكچى، ئىقتىسادىي چىقىمنىڭ يېرىمىنى خىتاي دۆلىتى ئۆتىمەكچى. خىتاي دۆلىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى قۇرىۋاتىدۇ. تۈركىيىدە قۇرۇلغان بۇ مەركەزمۇ ئۇلارنىڭ بىرىدۇر."

خىتاي ھۆكۈمىتى 1990- يىللاردىن تارتىپ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بېرى قەيسىرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئىستانبۇلدىكى ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتايچە بۆلۈم ئېچىلدى، ئەمدى بولسا تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قىلىپ بۇ خىل مەركەزلەرنى قۇردۇرىدۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى قانداق بولار؟ (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.