'خىتاي نەزەرگە ئېلىنىدىغان دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك'

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا كېيىنكى كۈنلەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سۈركىلىشلەر پۈتۈن دۇنيادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۇنىڭ ھەل بولۇش يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت خۇددى بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ئىككى دۈشمەنگە ئوخشايدۇ، خىتاي ئەگەر مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىشى كېرەك.

ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىندىن بۇيان ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن جىددىي بىر سۈركىلىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا، باراك ئوبامانىڭ دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تەرەپ ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى يۈكسېلىۋاتقان بۇ سۈركىلىش پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەتنىڭ قايسى نۇقتىغا بارىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە. بۇ ھەقتە تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جىھان ئۇغۇر ئەپەندى بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا چىقىۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو قويۇش تەلىپىدىن ئۆزىنى تارتىپ، ئىراننىڭ تەرىپىنى ئېلىشىدا بىر قانچە سەۋەب بار بولۇپ،، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئېنېرگىيە تىجارىتىدۇر. خىتاي ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ 51 پىرسەنتىنى باشقا دۆلەتلەردىن قامدايدىغان بولۇپ، ئىران خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان 3 - چوڭ دۆلەت. زورىيىۋاتقان ئىقتىسادى، سالغان مەبلەغلىرى ۋە تاشقى سىياسىتىنى ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇشقا قاراتقان خىتايدەك بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇھىم.

ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ نېفىت زاپىسى ۋە نېفىت بۇرغىلاش تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىرانغا 100 مىليارد دوللار قىممىتىدە مەبلەغ سېلىش ئىش پىلانلىرى بار بولۇپ، بۇمۇ كەلگۈسىدە خىتايغا زور مىقداردا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرى.

ئۈچىنچىسى، ئىران خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ياخشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يارايدىغان مۇھىم شېرىكى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىراننى قوللايدىغانلىقىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ھەقىقەت. ئىراننىڭ داۋاملىق ئامېرىكىغا قارشى سىياسەت ئېلىپ بېرىشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى سەۋەبلىك ئىران خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا.

تەتقىقاتچى جىھان ئۇغۇر ئىراننىڭ ئېنېرگىيىدىن سىرت يەنە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدا قېيىن ئەھۋالغا قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىران خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولغىنىدەك، ئامېرىكىمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. يەنى بۇ ئىككىسى خۇددى بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ئىككى دۈشمەنگە ئوخشايدۇ. ئىران مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويماي، مەسىلىنى دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننىڭ تەرىپىنى ئېلىشى ئامېرىكىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. شۇڭا ئامېرىكا كېيىنكى كۈنلەردە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى پەشتاققا ئەپ قويغان تەيۋەنگە قورال سېتىش، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئەكىلىپ،خىتاينىڭ يېغىرىنى ئېچىپ، ئۇنى بۇلۇڭغا قىستىماقتا.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى جىھان ئۇغۇر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مەۋجۇت بولغان تىبەت مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئاز سانلىقلار ھەقلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، مۇھىت بۇلغىنىش، ئادالەتسىز تىجارەت، ئىشچىلار ھەققى، كىرىمدىكى ئادالەتسىزلىك، دىنىي ئەركىنلىك ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە زور كۈچ بولىدىغانلىقىغا گۇمان پەيدا قىلماقتا.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى بۇ مەسىلىلەر غەربنىڭ قولىدا بىر كوزۇر بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەگەر دۇنياۋى مەسىلىلەردە سىياسەت بەلگىلەيدىغان ۋە نەزەرگە ئېلىنىدىغان بىر دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن يۇقىرىدىكى خەلقئارادا "نومۇر تارتقۇزۇۋاتقان" مەسىلىلىرىنى تۈپتىن ھەل قىلىشى كېرەك.

گەرچە ئىران ھەققىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە قانداق قارار ئالىدىغانلىقى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق كۆرۈنمەكتە.

ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى گۈلىن كوچاك بولسا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ ئىچكى سىياسەتتە ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بۇ توغرىدا خىتاينى ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ روبىرو ئويناۋاتقان كوزۇرلىرى، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاسانلىقچە ھەل بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ۋە دۇنيادا ئوخشىمايدىغان تەسىرلەرنى يارىتىدىغانلىقىنىڭمۇ ئىپادىسى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.