مۇھاكىمىلەر خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەتكە ئاساسەن، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كورىيە ئولىمپىكىگە ئوخشاش ئەمەس، بەلكى بېرلىن ئولىمپىكىگە ئوخشاش نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. ئولىمپىك تارىخىدا، جەنۇبىي كورىيە، ئولىمپىككە ساھىپخانلىق قىلغاندىن كېيىن دېموكراتىيىگە ئۆتكەن. گېرمانىيە بولسا بېرلىن ئولىمپىكىدىن كېيىن فاشىزىمغا يۈزلەنگەن.
"خىتايدىكى مىللەتچىلىك ساغلام مىللەتچىلىك ئەمەس"
ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. گېزىتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۇنىڭ" ھۆكۈمىتىمىز بەزى كىشىلەرنىڭ رادىكال قارشىلىقلىرىنى قوللىمايدۇ، بىراق خىتاي خەلقى ئۆز ھېسسىياتىنى ئەقلىي ۋە قانۇني يول بىلەن ئاشكارىلىسا بولىدۇ" دېگەن سۆزىگە ئورۇن بەرگەن.
ئامېرىكىدا بۈگۈن ناملىق گېزىت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە تىمىسىغا قاتتىق چەكلىمە قويغان، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ، غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ۋە تىبەت مۇستەقىللىقىگە قارشى تىمىلارغا يوچۇقنى كەڭ ئېچىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. خەلقئارا خەۋەرلەر سەھنىسى ناملىق گېزىت، خىتايدىكى نۆۋەتتىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى ساغلام بىر مىللەتچىلىك ئەمەس دەپ تەنقىد قىلغان.
مەزكۇر گېزىت بۇ ھەقتە مىللەتنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ساغلام مىللەتچىلىك بىلەن، باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىرقچى مىللەتچىلىكنىڭ بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق ئىككى نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە گېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ بېرلىن ئولىمپىكىنى خەلقىغە فاشىزىمنى سىڭدۈرۈش پۇرسىتى قىلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي جوڭگۇ پوچتىسى گېزىتى نۆۋەتتىكى خىتاي مىللەتچى ھەرىكەتلىرىنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ۋەزىيەت ئەمەسلىكىنى يازغان.
خىتايدىكى ئۈچ خىل مىللەتچىلىك
چەتئەلدىكى مەشھۇر خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ياڭ جيەنلى، بۇ يىل 4 -ئاينىڭ 7 -كۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا، خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ يىغىندا خىتايدىكى نۆۋەتتىكى مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئىنسانپەرۋەر مىللەتچىلىك، پۇرسەتپەرست مىللەتچىلىك ئاۋام مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت 3 تۈرگە ئايرىپ چۈشەندۈرگەن.
ياڭ جيەنلى سۆزىدە يەنە، خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنى خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان ، ئەمما ئىنسان ھەقلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەر مىللەتچىلىك دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ھاكىمىيەتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دۆلەت مەنپەئەتى نامى ئاستىدا خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان پۇرسەتپەرست مىللەتچىلىك دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە ئولىمپىك قىزغىنلىقى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەتلەرنى پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيۋاتقان ئاۋام مىللەتچىلەر دەپ چۈشەندۈرگەن.
" توخۇ يۈرەك مىللەتچىلىك"
خىتايدىكى ھەرىكەتلەرنى ئەسەبىي مىللەتچىلىك دەپ يازغان خەلقئارا خەۋەرلەر گېزىتى، بۇ ھەرىكەتلەر 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن قەھرىمانلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىدۇر دەپ بايان قىلغان.
خىتايدىكى بۇ خىل ئەسەبىي مىللەتچىلىك بىر قىسىم خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئالدىنقى كۈنى خىتايچە كۆزىتىش ژۇرنىلىدا، " توخۇ يۈرەك ۋەتەنپەرۋەرلەر" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ۋەتەنپەرۋەرلىك خەلقنى سۆيۈش دېمەكتۇر، 1989 -يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تانكا بىلەن باستۇرغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوللاپ نامايىش قىلىش ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس، بۇ زوراۋاندىن قورقۇش، بۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ بىر توخۇ يۈرەك ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر."
بەزى مەنبەلەر ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەسەبىي مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى ئالغان نامايىشلار تېخى باشلانغۇچ ھالەتتە بولۇپ، بۇندىن كېيىن يەنى 1 -ماي كۇنى ۋە ئولىمپىك ئېچىلىش كۈنىدە تېخىمۇ داغدۇغىلىق نامايىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈنگە قەدەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى بىردەك ئەمەس تونۇپ كەلمەكتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بولسا دۆلەت تېررورى دەپ قارىماقتا، ئۇنداقتا، خىتاي خەلقىنىڭ مەيدانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەكلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇ چاغدا مەزكۇر تېررور تەبىرى ئۆزگۈرەمدۇ؟
بۇ سوئالغا ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندى، "ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن تېررور دۆلەت تېرورىلا ئەمەس، ھەم مىللەت تېرورى بولغان بولىدۇ،" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
بەزى مۇلاھىزىچىلەر خىتايدا ئەسەبىي مىللەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى، خىتايغا قارشى كۈچلەر ئارىسىدىكى رادىكال كۈچلەرنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.