ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھايتىدىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، خىتاي خەلقىدە مىللىي ھاياجان پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكىدىكى كولومبىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى دوكتورى ۋاڭ جۈنتاۋدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە،خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بېرى خىتاي خەلقىنى مەقسەتلىك ھالدا ساددا مىللەتچىلىك يولىغا يېتەكلىمەكتە. خىتاي خەلقى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتكە ئەگەشمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ئولىمپىكنى قازىنىشى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى قاتارلىق ۋەقەلەردىن خىتاي مىللىتىنى ساددا مىللەتچىلىك يولىغا يېتەكلەشتە ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق خەلق ئارىسىىدا ھاكىمىيەتتىكى چىرىكلىككە قارىتا قوزغۇلۇۋاتقان غەزەپ -نەپرەتلەرنى سۇسلاشتۇرغان؛ سايلاش-سايلىنىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇلدۇرغان.
ۋاڭ جۈنتاۋ بۇ قېتىم خىتاينىڭ ھايتىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن پەيتتىمۇ، خەلقنى مىللەتچىلىككە يېتەكلەشتىن ۋاز كەچمەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
خىتاينىڭ ھايتىغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. مەسىلەن، يالغۇز خىتاي پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ ھايتىنى زىيارەت قىلىشىنى، خىتاينىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىغا باغلاپ بايانات بېرىشى خەلقئارادا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. ۋاڭ جۈنتاۋ ماقالىسىدە نۇقتىلىق ھالدا، ھايتىدا ئۆلگەن 8 نەپەر ئەسكەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۈستىدە توختالغان." مۇراسىمغا خۇ جىنتاۋتىن جۇ يۈنكاڭغا قەدەر سىياسىي بىيۇرۇدىكى 9 نەپەر دائىمىي ئەزانىڭ تولۇق قاتنىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ جەسەت ساندۇقلىرى ئالدىدا ئىگىلىپ تازىم قىلىشى، ئادەتتە بىر تەزىيە مۇراسىمىنىڭ ئەمەس، بىر سىياسىي مانىۋېرنىڭ كۆرۈنىشىدۇر" دېيىلىدۇ ماقالىدە.
ۋاڭ جۈنتاۋ يەنە مۇراسىمدىكى لوزۇنكىلار ۋە خەۋەرلەردىكى ماۋزۇلارنىڭمۇ بىر ماتەم مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋاڭ جۈنتاۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ كاتتا ماتەم مۇراسىمى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى، خەلقى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە بىر نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىىدا زىددىيەت يوقلۇقىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلماقچى؛ دائىرىلەر يەنە، بۇ ئارقىلىق خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار رېئال مەسىلىلەرنى يوشۇرماقچى. ۋاڭ جۈنتاۋ نۆۋەتتە گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى، پىكىر ئەركىنلىكى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى، مانا بۇ ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھايتىدا قازاغا ئۇچرىغان 8 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ ئويۇننى خىتاي خەلقى بىلمىگەن بىلەن دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
"ساددا مىللەتچىلىك ئىككى بىسلىق خەنجەرگە ئوخشايدۇ" دەپ يازىدۇ ۋاڭ جۈنتاۋ، "بۇ خەنجەر دۆلەت ئىچىدە شۇنداق كەسكىن، (رەھمى قىلىشنى بىلمەيدۇ) ئەمما، دۆلەت سىرتىدا قۇرۇق شۇئاردىن باشقىغا يارىمايدۇ."
ۋاڭ جۈنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي خەلقىنىڭ مىللەتچىلىككە يېتەكلىنىش مەسىلىسى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردۇر.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مىللىتىدە شەكىللىنىۋاتقىنى ۋاڭ جۈنتاۋنىڭ دېگىنىدەك ساددا مىللەتچىلىك ئەمەس، بەلكى تەلۋە مىللەتچىلكتۇر. شاۋگۇەن ۋەقەسى، ئۈرۈمچىدىكى كالتەكچىلەر ھۇجۇمى، ئالدىنقى ھەپتىلەردە خۇبېي ۋە شېنجىنلاردا يۈزبەرگەن ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتىللىق ۋەقەلىرى ئەنە ئەشۇ تەلۋە مىللەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.