ئىلھام توختى: خىتايدا باش كۆتەرگەن چوڭ خىتايچىلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە
2012.12.14
ئىلھام توختى ئەپەندى خوڭكوڭ «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» مۇخبىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، نۇقتىلىق ھالدا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتايلار ئارىسىدا بارغانچە كۈچەيگەن چوڭ خىتايچىلىق قارىشىنىڭ، خىتاي مىللىتى بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت - سۈركىلىشلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خوڭكوڭ «قۇياش ۋاقتى ھەپتىلىك گېزىتى» مۇخبىرى ئىلھام توختى ئەپەندىدىن يېقىندىن بۇيان خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان، 3 - دېكابىر كۈنى خۇنەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچى بىلەن خىتاي خېرىدارلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ياڭاق تورت ماجىراسىدا خىتايلارغا جەرىمانە قويۇلۇپ،ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە 24 مىڭ دوللار(160 مىڭ سوم خەلق پۇلى) تۆلەم بېرىلىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇش بۇيرۇلغان ۋەقەگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئىلھام توختى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
- خەنزۇچە تور بېكەتلىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ شۇ قەدەر كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇشىنىڭ ئۆزىلا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بىر قىسىم خەنزۇلار تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئەيىبلەيدىغان، سۆكىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان يازمىلارنى تولدۇرۇۋەتتى. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. تورداشلار ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە 160 مىڭ سوم تۆلەم بېرىلىشىنى بۇيرۇشىنى ئۇيغۇرلارغا كەڭچىلىك قىلىندى دېيىشتى. مەن ساقچىلارنى ۋەقەدە ئۇيغۇرلارغا كەڭچىلىك قىلدى دەپ قارىمايمەن. مېنىڭچە، بۇ ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا سىياسى مۇددا ئىپادىلەنگەن. بۇ قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس. بۇ ۋەقەنى قەشقەر شامالباغدىكى مەجبۇرىي ئۆي چېقىشتا ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارغا ھەر كۋادرات مېتىر يەر ئۈچۈن 350 سوم خەلق پۇلى تۆلەم بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى(يەنى خىتاي تور بېكەتلىرىدە دېيىلگەن «سىياسى جەھەتتە ئېتىۋار بېرىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى) ھېس قىلىشقا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ياڭاق تورت ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن. ئەمما ماڭا تەسىر قىلغىنى، بۇ ۋەقە باھانە قىلىنىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەيىبلىنىشى! ئەجىبا بىز خىتاي گېنېرالى ۋاڭ جېننىڭ )ئەينى چاغدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرغان)قىلمىشى سەۋەبلىك پۈتكۈل خىتاي مىللىتىنى ئەيىبلىسەك بولامدۇ؟ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى سەۋەبلىك پۈتكۈل خىتاي مىللىتىنى ئەسكى ئادەم دېسەك بولامدۇ؟ شىنجاڭدا زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار. شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسپىتى يۇقىرى، بولۇپمۇ كۆچمەنلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلەن ئالايلۇق، مەجبۇرىي ئۆي چېقىش، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانلار ھەممىسى خەنزۇ شىركەتلىرى. بىر ئادەم، بىر شىركەت ياكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە ھاقارەتلىنىشىنىڭ خىتايدا يېقىنقى يىللاردا ئەۋج ئالغان خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:
- تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان يازمىلار كۆپەيمەكتە. بۇ غەربلىكلەرنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، تار مىللەتچىلىك، فاشىتىك كەيپىيات. خەنزۇ مىللىتىدە يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان چوڭ خەنزۇچىلىق خاھىشى ئەۋج ئالدى. بولۇپمۇ خەنزۇ ياشلىرىدا بۇ ئەھۋال تولىمۇ ئېغىر. ھازىر خەنزۇلار ئارىسىدا بىزنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا فاشىزىملىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، ئۇيغۇرلارغا قارشى «تاقىرباشلار پارتىيىسى» شەكىللەندى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ خىل نەزىرىيە ۋە بۇ خىل كەيپىيات تولىمۇ خەتەرلىك. خەنزۇ مىللىتى جۇڭگودا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلى بۇ دۆلەتكە، بىزنىڭ ھاياتىمىزغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىدى. سىلەر بىزنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇۋالدىڭلار، بىزگە رەھبەرلىك قىلىمىز دېدىڭلار، ئۇنداقتا، رەھبەرلىك قىلىمەن دېگۈچى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، كەڭ قوساق بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەمما، ھازىر 1مىليارد 300 مىليون خىتاي خەلقى 10 مىليون ئۇيغۇرنى سىغدۇرمايۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سەن قانداقمۇ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە سۆز ئاچالايسەن؟
ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ «سىزنىڭچە(خىتايلاردىكى) بۇ خىل يۈزلىنىشكە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىل نېمە؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
- 1989 - يىلدىن كېيىن دائىرىلەر مىللەتچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق غەرپ دۇنياسىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە شىزاڭ مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈردى. ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ سىياسىتىدە مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا قارىتا قاتتىق باسقۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. ئاتالمىش مىللىي سىياسەت نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلاھات جەريانىدا ھىچكىممۇ ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى. مۇقىملىقنى ساقلاش مەنپەئەت ئېلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىندى. شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ساقلىغۇچى تارماقلار ئىچكى ئۆلكىلەردىكىدىن زور. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا 2 مىليون 600مىڭ ئادەم مۇقىملىقنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئارمىيە، قوراللىق ساقچى، چېگرا قوغدىغۇچى ساقچى ۋە باشقىلار بار. مەركىزى ھۆكۈمەتتىمۇ شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش تارماقلىرى بار. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەت ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى بار، يەنە ھوقۇققىمۇ ئېھتىياجى بار.
ئىلھام تووختى ئەپەندى سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى بولمىغانلىقىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان:
- مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدىكى يېتەكچى ئورنى سىياسى قانۇن كومېتىتى. ئۇ جايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت ئىشخانىسى بار. ئىلگىرى بۇ ئىشخانىنىڭ 1 - قول باشلىقى جۇ يۈڭكاڭ، 2 - قول باشلىقى ۋاڭ لېچۈەن ئىدى. بۇ ئىشخانىدا ئۇيغۇر يوق. دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىدا بىر مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزى بار، بۇ جاي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ھازىرلايدۇ. بۇ يەردە ھەتتا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى شىنجاڭغا باردى، بېيجىڭدا مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى، ئەمما يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىپ قىلىنغىنىدىن خەۋىرىم يوق.
ئىلھام توختى ئەپەندى مۇخبىرنىڭ «سىزنىڭچە، خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا چۈشىنىش ۋە ياردەمدە بولۇۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
- مەن خىتاي زىيالىيلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىۋاتىمەن. لېكىن مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتى، دوكلاتلىرى، ھەتتا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ، بۇ مىللەت بىلەن بىلەن قانداق بىللە ياشاش ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەتنى قانداق كونترول قىلىش، بۇ مىللەتنى قانداق باشقۇرۇش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. مەسىلە مانا مۇشۇ يەردە. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەلۋەتتە ساڭا ياردەملىشىپ بۇ مىللەتنى كونترول قىلىش، بۇ مىللەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ.