كېيس رىچبۇرگ: 'غەربنى ئېچىش سىياسىتى بۇ رايونلاردىكى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى سېتىۋالالمىدى'

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر سىياسەت پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىلا پايدىغا ئېرىشتۈرگەن.

0:00 / 0:00

ماقالە ئاپتورى كېيس رىچبۇرگ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتى ھەققىدە توختالدى ۋە مەزكۇر سىياسەتنىڭ خىتاي كۆزلىگەندەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"خىتاي غەربنى ئېچىۋاتىدۇ، ئەمما غەربىي رايونلارنىڭ تاپاۋىتى شەرقىي رايونلارنىڭكىدىن يەنىلا تۆۋەن" ناملىق ماقالە "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ 29 - ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلدى. ماقالە ئاپتورى "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتى يازغۇچىسى كېيس رىچبۇرگ بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە بېيجىڭدا خىزمەت قىلماقتا.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر رايونلاردىكى "تىنچسىز ئاز سانلىقلارنى تىنچىتماقچى" بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ياسالغانلىقىنى، ئۆيلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى، چارۋىچىلارنىڭ ئۆلچەملىك يېزىلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە مىليونلىغان ئادەمنىڭ پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە مەزكۇر سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: "ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەييارلىغان بۇ ستاتىستىكىلار توپلىمى ئاستىغا يەنە بىر رېئاللىق يوشۇرۇنغان ئىدى. ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ ۋە تىبەت قاتارلىق بىر قانچە ئاپتونوم رايون ۋە ئۆلكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان خىتاينىڭ غەربى رايونلىرى، خىتايدىكى ئەڭ نامرات، تەرەققىي قىلمىغان ۋە قالاق رايون سۈپىتىدە قېلىۋەردى."

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاپتور كېيس رىچبۇرگ، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان سىياسەت دېگىلى بولمىسىمۇ، سىياسەتنىڭ كۆزلىگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

"ھەر زامان يول ياسالسا، پايدىسى تېگىدۇ. ئەمما مەسىلە، بۇ سىياسەت ھۆكۈمەت كۆزلىگەن غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدىكى پەرقنى يېقىنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتىش جەھەتتە غەلىبە قازىنالمىدى . مەن، بۇ سىياسەتنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى دېيەلمەيمەن. بىر رايونغا ئاشۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىنسا، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ تەسىرى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ تەسىرى ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك ياكى ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغاندەك زور بولمىدى. شۇڭا بۇنى بىر خىل ئەبجەش نەتىجە دېيىش مۇمكىن."

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، غەربىي رايونلاردا "نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشى، بۇ رايونلاردىكى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى سېتىۋالالمىغان." ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار قوزغالغان بولسا، 2008 - يىلى تىبەتلەر قوزغالدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى ھەر ئىككى يەردە كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى."

رادىئومىز ئىگىلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ تاپاۋىتىمۇ كۆپ پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار نامرات ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق ئېغىر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە يۇقىرىقى ئامىللارمۇ سەۋەب بولغان.

شۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن" ھەر ئائىلىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بىر ئادەم بولۇش" سىياسىتىنى يولغا قويدى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇ، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ھەققىدە ماقالە يېزىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە بۇ جەرياندا پەقەت مەبلەغ سېلىش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن دېگەن تونۇشقا كەلگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت قانچىلىك مەبلەغنىڭ سېلىنغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى مەبلەغنىڭ يەرلىك ئورۇنلاردىكى كىشىلەر ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا سېلىنغان ياكى سېلىنمىغانلىقىدا. بۇنىڭدا يەرلىكلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشمۇ مۇھىم. بۇ، يول، يېزا ۋە سودا سارايلىرىنى ياساش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۆزىنىڭ قولدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقى مەسىلىدۇر."

ئاپتور كېيس رىچبۇرگنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقىلار غەربنى ئېچىش سىياسىتىدىكى نېگىزلىك مەسىلە ئىكەن. بۇلار مەيلى ئۇيغۇر ئېلى ۋە مەيلى تىبەتلەردە بولسۇن ئوخشاش مەۋجۇت ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، مەزكۇر تەرەققىيات پىلانىغا يەرلىكلەرنى مەجبۇرىي كىرگۈزۈشىنىڭ ئورنىغا، سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەر يەرلىكلەردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، مۇنداق دېدى: "بۇ پۇل مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئورۇنلاردىكى خەلقلەرگە مەلۇم نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش مەسىلىسى."

ماقالىدە نەقىل قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى نىكولاس بېكوئېلىن مۇنداق دېگەن: "بۇ خەلق مەركەز قىلىنغان زامانىۋىلاشتۇرۇش سىياسىتى ئەمەس. بۇ بىر يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يۈرگۈزۈلگەن سىياسەت. بۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ھۆكۈمەت ياكى پارتىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرگەن سىياسەت."

ئاپتور كېيس رىچبۇرگ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلارغا خىزمەت بىلەن بارىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە نۆۋەتتە، "5 -ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى ۋە دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە بىر خىل جىددىيلىك شەكىللەنگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.