خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى' تەنقىدلەنمەكتە

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش دولقۇنى"، " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى" قاتارلىقلار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىللە قاتتىق تەنقىدلەنمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ  ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ "ﺋﻮﯞﻻﭖ" ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ "ﺋﻮﯞﻻﭖ" ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 25 - فېۋرال ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 420 مىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەرس باشلىغان. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرسى " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دەرسى بولغان. ئوخشاش بىر كۈندە پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى 260 ئوقۇش نۇقتىسىدا، نەق مەيداندىن يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور لىنىيىسىدە تارقىتىلغان " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى" تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ كۇرس 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ياشلارنىڭ 26 - ئىيۇن شاۋگۈەندە خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ناھەق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش مەقسىتىدە، ۋەقەنى "چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەقسەتلىك تەشكىللىگەن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى" دەپ قارىلىشى، ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرى ھەققىدىلا كۆپتۈرۈپ بىر تەرەپلىمە بەرگەن تەشۋىقات خەۋەرلىرى نەتىجىسىدە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت كۈچىيىپ، ئارقا -ئارقىدىن " 7 - ئىيۇل خىتايلارنىڭ كوچىغا چىقىپ توقماق كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسى" ھەم قانداقتۇر ئېنىق بولمىغان" يىڭنە سانجىش ۋەقەسى" نى باھانە قىلىپ، 3 - سېنتەبىر كۈنى خىتايلارنىڭ كالتەك توقماقلار بىلەن نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ئەڭ يامان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت قوراللىق ساقچىلارغا تايىنىپلا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى رايوندىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت قامال قىلىنىپ رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى نەزەربەند قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا بىر تەرەپتىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئارقا - ئارقىدىن 5 قېتىم خەلقئارا قانۇن،نىزاملارغىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ قانۇن، نىزاملىرىغىمۇ خىلاپ بولغان سوتلارنى ئېچىپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى ھەم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئوخشاش ئېغىر جازالارنى بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل سىياسىتى، خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئاشۇنداق كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تەڭسىز سىياسىتىدىن ئىزدىمەستىن، قانداقتۇر "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش"، "مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش"، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى" قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پۈتكۈل رايون ۋەزىيىتىدە قاتمال ۋەزىيەت پەيدا قىلىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ھەم چەتئەللەردىكى دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان زىيالىيلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رايوندىكى قاتمال ۋەزىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرى بېسىۋېلىنغان زېمىن شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇلارنىڭ ئۆز بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھازىرقىدەك قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇش ھەم "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى" بىلەن رايوندا مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، رايوندىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى مەڭگۈ كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

"خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھەم موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ماددىي جەھەتتىن بايلىقلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش، قانۇن جەھەتتىن باراۋەرسىزلىك، كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە خىتايدا مىللەتلەر ئىتتىپاق بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا مىللەتلەر ئىتتىپاق دېگەننى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. سەھنىلەردە بولسا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى كومپارتىيىنى ماختايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، خەلقئاراغا خىتايدا مىللەتلەر ئىناق - ئىتتىپاق، ئۇلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دېگەننى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. مانا ھازىر ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىچىككىنە بالىلارنىمۇ ئارامىدا قويماي، ئۇلارغا ئۆتۈۋاتقان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى" مۇشۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، رايوندىكى ۋەزىيەت تىنچىمايدۇ، مىللەتلەرمۇ ئىتتىپاق بولالمايدۇ."

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئېلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى" نى مۇھىم دەرسلەرنىڭ بىرى قىلىپ كىرگۈزۈشىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر خىل "مېڭىسىنى يۇيۇش" نەيرىڭى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"نى قانچە تەكىتلىگەنسېرى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەم "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەشۋىقاتىنىڭ بۇ زېمىندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى "مەڭگۈ تىنچىماس زېمىن" غا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇقەررەرلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت