'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى' ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالامدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇن چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى قانۇن كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، قۇرۇلتاينىڭ قانۇن كومىتېتى تەييارلىغان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر تەربىيىسى نىزامى"نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى بولسا مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار ئارىسىدا ھەر خىل پىكىر ‏- ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قانۇن لايىھىسى"نى تۈزۈپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 ‏- نۆۋەتلىك يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر قانۇن توغرىسىدىكى خەۋىرىدە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نىڭ چىقىرىلىشىدا ئۈرۈمچىدىكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى، " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى شىنجاڭدا مۇقىملۇقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ جىددىي زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، يەرلىك دۆلەت ئاپاراتلىرىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش"نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىگە دائىر يەرلىك قانۇن ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ"يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى قانۇنلاشتۇرۇش، قائىدىلەشتۈرۈش ۋە كۈندىلىك مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش"نى مەقسەت قىلغانلىقىنى، قانۇن لايىھىسىدە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ پرىنسىپى، ئاپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى، قانۇنغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى، قانۇنى مەجبۇرىيەت قاتارلىقلارغا ئېنىقلىما بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ رايوندىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئىجابىي رولى ۋە دائىرىلەرنىڭ بۇ تۈرلۈك قانۇن چىقىرىشتىكى تىندىنسىيىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيلىرىدىن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى، مەزكۇر قانۇننىڭ رولىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، رايوندىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىغا دائىر ھېچنەرسە بېرىلمىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايون خەلق قۇرۇلتىيى رايوندىكى ھەر قايسى كومىتېت، نازارەت ۋە ئىدارە-جەمئىيەت، ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتېيى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى بولۇپ 50 كە يېقىن ئورگان شۇنداقلا رايوندىكى قۇرۇلتاي ۋە سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھە زاتلار ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەزكۇر قانۇن توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئالغانلىقىنى، قانۇن لايىھىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى كۆپ قېتىم تۈزىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى، بۇ قانۇننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى كەڭ دائىرىلىك بولۇشى، رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلىك مۇزاكىرىسىگە قويۇلۇشى كېرەك ئىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي 1983 ‏- يىلى ھەر يىلى 5 ‏- ئاينى"مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى" دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى 27 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" خىتاينىڭ "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەشۋىقاتىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر قانۇن توغرىسىدىكى خەۋىرىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىغا كاشىلا ۋە تەسىر قىلىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەنە بەزى ئانالىزچىلار، رايوندىكى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" پائالىيىتىنىڭ شەكىلۋاز نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئىتتىپاقلىقنى قوغداش يالغۇز ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ قېلىپ، ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالىدىغان بىر قورالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىنىڭ بولسا ئۇيغۇر جەمئىيىتى گۇمان بىلەن قارايدىغان كىشىلەر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ قانۇننىڭ چىقىرىلىشى "ياخشى بىر ئىش ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر قانۇن توغرىسىدا كەڭ دائىرىلىك پىكىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھازىرغا قەدەر جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئەمەس. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تورىدا مەزكۇر قانۇننىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى بېرىلمىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت مەزكۇر قانۇننى تەنقىدلەپ، بۇ قانۇن مىللىي مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلغان ئوخشىمىغان قاراشتىكى پۇقرالارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11 ‏- ئاينىڭ باشلىرىدا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، يېقىندا 9 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجىرا قىلغان. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 12 كىشىنىڭ ئاران بىر نەپىرى خىتاي ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جازادىكى ئادالەتسىزلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆرۈمچىدىكى سوتنى كۆزىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.