خىتاي مىنىستىرىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە كەلگەندە، د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى ۋە باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى ئورۇندا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

سائەت 14:30 ئۆتكەندە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ باۋارىيىنىڭ داڭلىق ماشىنا زاۋۇتى ب م ۋ مەركىزىگە زىيارەتكە كەلگەندە بىنا ئالدىدا توپلانغان ئۇيغۇرلار قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق بىلەن تۈرلۈك لوزۇنكا ھەم ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ، جاراڭلىق شوئارلار توۋلاپ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

نامايىشنىڭ يەنە بىرى باۋارىيە مىنىستىرلار بىناسى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جايدىكى نامايىش كەچ سائەت 17:30 دا باشلاندى. نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئار توۋلاش بىلەن بىرگە، خىتاي زۇلۇمى پاش قىلىنغان تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى ۋە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئېغىر دەرد-ئەلەملىرىنى ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچىلەر ھەم مۇخبىرلارغا چۈشەندۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نامايىشقا كۆپلىگەن ئاياللار ۋە بالىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى سۈرەييا خانىم ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش كۆپلىگەن ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 8-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، لى كېچياڭنىڭ باۋارىيە زىيارىتىنىڭ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ باۋارىيىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، باۋارىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئارىدا ئۇيغۇرلار ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

germaniye-myunxenda-elip-berilghan-namayish2-385.JPG
ميۇنخېن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىش. 2011-يىلى 8-يانۋار. (RFA/Ekrem)

جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باۋارىيە تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى كېلىشىمىنىڭ قىممىتى ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا 62.5% ئاشقان. خىتاينىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان يېڭى ئىقتىسادى كېلىشىمىنىڭ قىممىتى 8.7 مىليارد ئويرۇغا يەتكەن.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ بىر ھەپتىلىك ياۋروپا زىيارىتىنىڭ 3 كۈنى گېرمانىيىدە ئۆتكەن بولۇپ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئوخشاش بولمىغان باھالارنى بەرمەكتە. بەزى سىياسىيونلار خىتاينىڭ ياۋروپا بىرلىكى تەۋەسىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن پايدىلىنىپ، ھەم ئىقتىسادىي، ھەم دىپلوماتىك نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئېمبارگو 1989-يىلى خىتاي تيەنئەنمىندە ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغاندا يولغا قويۇلغان ئىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ گېرمانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە يولۇققان ئەڭ زور بېسىم خىتاينىڭ تەقلىدچىلىكىگە بېرىلگەن تەنقىدلەر بولغان. گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىدىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى، گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىنى تەقلىد قىلىپ ياساشنى توختىتىشنى، خىتايدىكى گېرمانىيە كارخانىلىرىغا قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى ۋە توسالغۇلارنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان.