خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جى پېڭفېي نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ؟

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى " يەنخۇاڭ چۈنچيۇ" ژورنىلىنىڭ 6 ‏ - سانىدا سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جى پېڭفېينىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە دائىر سىرلارنى ئاشكارىلىدى. ماقالىدە جى پېڭفېينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جىپېڭفېي نېمىشقا ئۆلۈۋالىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبى بىلەن ئوغلى گېنېرال مايور شېڭدېنىڭ نېمە ئالاقىسى بار ؟ " يەنخۇاڭ چۈنچيۇ"دىكى ماقالىدە بۇنىڭغا دائىر سىرلار ئاشكارىلاندى.

0:00 / 0:00

جى پېڭفېي خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 2 ‏ - شەخس

"يەنخۇاڭ چۈنچيۇ" نىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان 6 ‏ - سانىدىكى بىر ماقالىدە خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جى پېڭفېينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سەۋەبى خىتاي ھەربىي ئاخبارات 2 ‏ - ئىدارىسىدىكى ئوغلى گېنېرال مايور جى شېڭدېنىڭ خىيانەتچىلىك، دۆلەت مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە جى شېڭدېغا 1999 ‏ - يىلى 20 مىليون سوم پارا ئېلىش، دۆلەت مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندە، جى پېڭفېي جاڭ زېمىن قاتارلىقلارغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن ئوغلىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سورىغانلىقى، لېكىن پېڭفېينىڭ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئەلەمگە چىدىماي 2000 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەگەر بۇ ۋەقە راست بولسا جى پېڭفېي خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 2 ‏ - شەخس بولۇپ قالىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ليۇ شاۋچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ " مەدەنىيەت ئىنقىلابى"دا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەلىمىگە چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئوغلى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 20 مىليون سومغا خىيانەت قىلغان

خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى جى پېڭفېينىڭ ئوغلى، خىتاي ھەربىي ئاخبارات 2 ‏ - ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جى شېڭدېنى 1999 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئايدا رەسمى قولغا ئېلىپ، ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە جاۋابكارلىققا تارتقان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ۋەقە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنى زىلزىلىگە سالغان دېلو بولۇپ قالىدۇ.

جى شېڭدﯤ دېلوسىنىڭ ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ھەربىي ئاخبارات 2 ‏ - ئىدارىسىنىڭ مالىيىسىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى پارچىلاش، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 20 مىليون سومغا خىيانەت قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ئىدى. بۇ ئۇچۇر ئەينى چاغدا چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن. لېكىن بۇ ئۇچۇرلاردا 20 مىليون سومنىڭ چەتئەلدىكى قايسى تەشكىلاتلارنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى. شۇ يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئافغانىستاندا بازا قۇرۇپ، خىتايغا جىددىي تەھدىت سېلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى.

جاڭ زېمىنغا ئوغلىنى ئەپۇ قىلىش توغرىسىدا خەت يازغان

جى شېڭدﯤ 1999 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئايدا قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەربىي سوتتا رەسمىي ئەيىبلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ھەربىي تەپتىش جى شېڭدېنى تۆۋەندىكى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن: پارا ئېلىش، جىنايىتى گۇرۇھلارغا ھەمشېرىك بولۇش، ھەربىي خىراجەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، ئائىلىسى ئۈچۈن چەتئەلدە ئىگىلىك تىكلەش، تەشكىلنىڭ كۆزىنى بوياپ، چەتئەلنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلىكىنى يوشۇرۇش، جەمئىيەت، خوڭكوڭ ۋە چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بولمىغۇر مۇناسىۋەتلەردە بولۇش، ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىقلار. خىتاي ھەربىي سىستېمىسىدا بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىرى سادىر قىلىنسا، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە يېتەرلىك ئاساس ھازىرلايتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئوغلىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جى پېڭفېي، باش سېكرىتارى جاڭ زېمىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چى خاۋتيەن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ ۋەنيەنلەرگە ئوغلىنى ئەپۇ قىلىش توغرىسىدا 4 قېتىم خەت يازغان. ئۇ يەنە كومپارتىيىنىڭ سىياسى قېرىلار قاتلىمىدىكى بو يىبو، سۇڭ رېنچيوڭ، ۋەن لى، سۇڭ پىڭلارغا مۇراجەت قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ.

" 70 يىل كۈرەش قىلدىم. پارتىيىنىڭ پىچىقى ئوغلۇمغا رەھىم قىلمىدى "

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گاڭ 2000 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئايدا جى پېڭفېينى يوقلاپ كېلىپ، " ئۆلۈم جازاسى يېنىكلىمەيدىغانلىقى"، ئەمما ئىجرا قىلىشنى 1 - 2 يىل كېچىكتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جى پېڭفېي 1 - 2 يىلنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەن. خەۋەرلەردە جى پېڭفېينىڭ " ئايالىم بىلەن مەن پارتىيە، دۆلەت ئۈچۈن 70 يىلغا يېقىن كۈرەش قىلدىم. پارتىيىنىڭ پىچىقى مېنىڭ ئوغلۇمغا رەھىم قىلمىدى " دەپ ۋايسىغانلىقىنى يازىدۇ.

"يەنخۇڭ چۈنچيۇ" دىكى ماقالىدا جى پېڭفېينىڭ ۋاڭ گاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ئايدىن كېيىن يەنى 2000 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئايدا ئۆيىنىڭ قىرائەتخانىسىدا 30 نەچچە دانە ئۇخلاش دورىسى ئىچىۋالغانلىقىنى، خىزمەتچى خادىملار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەينى چاغدا شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى جى پېڭفېينىڭ 91 يېشىدا ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. 2001 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى، دۆلەت كابىنىتى ۋە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلارغا چۈشۈرگەن مەخپىي ئۇقتۇرۇشىدا جى پېڭفېينى ئوغلىنىڭ مەسىلىسىدە قانۇنسىز بولمىغۇر تەلەپلەردە بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە جى پېڭفېينىڭ كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.