جاڭ ۋېيگو: «مىسىردىكى ئىنقىلاب خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىرەتمەكتە»

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى مىسىر ئىنقىلاب غەلىبىسىنىڭ خىتايغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خوڭكوڭ «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

مىسىردا داۋاملاشقان 18 كۈنلۈك نامايىشتىن كېيىن، مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا، خىتايدىكى كومپارتىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى مۇنازىرىلەرنى كۈچەيتتى.

چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرىدىن «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مىسىردا يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەت ۋەزىيىتى نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سالماقتا ئىكەن.

ئۇ، «مىسىردا 30 يىل مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھۆسنى مۇبارەك بىلەن خىتايدا 60 يىل بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، مىسىردىكى مۇستەبىت ھۆكۈمران مۇبارەك بىلەن خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى قۇرغان بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈزلىنىدىغان تەقدىر-قىسمەتمۇ ئوخشاش بولۇشى مۇقەررەر. مۇبارەك ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 30 يىل جەريانىدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىرىكلىشىپ، مىسىردا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى چوڭايتىۋەتكەنلىكى، مال باھاسى ئۆرلەپ، ئىشسىزلىق ئېغىرلاشقانلىقى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن نارازى بولغان خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى باستۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، مىسىر خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ئاساسىدا پارتلىغان 18 كۈنلۈك نامايىش، ئاخىرى مۇبارەكنىڭ 30 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. مىسىر خەلقى مىسىرغىلا ئەمەس پۈتۈن شىمالىي ئافرىقا ھەم ئوتتۇرا شەرق رايونىغا دېموكراتىيە ئېلىپ كەلدى.ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ۋەقە 60 يىلدىن بۇيان مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەككە ئوخشاش مۇستەبىت تۈزۈم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئەلۋەتتە ساراسىمىگە سالىدۇ.»

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىسىر ئىنقىلابىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سېلىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى: «خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەكنىڭ 30 يىل مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر باينىڭكىدىن جىق ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما مېنىڭچە، نۆۋەتتە بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى توپلىغان بايلىقلار مۇبارەك توپلىغان بايلىقلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مۇبارەك توپلىغان بايلىقلار بىلەن نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ بايلىق توپلاش يولى ئوخشاشلا خەلققە مەنسۇپ بايلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر، تۇنىس ھەم يەمەنلەردە يۈز بەرگەن خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتايغا تۇتىشىپ كېتىشىدىن بۇ قەدەر ئەنسىرىشىدىكى سەۋەب، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى پۈتكۈل بايلىقنى ئېگىلىۋاتقان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىرقى جەننىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىشى دېيىشكە بولىدۇ. مىسىر خەلقى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بىر پارتىيىلىك كوممۇنىست ھاكىمىيەتمۇ نۆۋەتتە جىددىي رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.»

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، خىتايدىمۇ مىسىر، تۇنىس، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە پارتلىغاندەك زور ئىنقىلاب پارتلاپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بېزىلەر خىتايدا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ يەنە پارتلىشىغا ھەم ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشىغا ئۈمىدسىز پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئەمما، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ 80-يىللارنىڭ ئاخىرى ئەڭ كۈچەيگەن ئىدى، ئەمما 90-يىللارنىڭ ھارپىسىدا بىراقلا پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولدى. 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىشنىڭ ھارپىسىدىمۇ مانجۇ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى بېيجىڭدىكى زىجىن ئوردىسىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىشەنچ بىلەن قارايتتى. ئەمما، خەلقنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابى ئەينى يىللىرى خىتايدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ھازىرقى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىرلىشىپ، زور يانغىنغا ئايلىنالىسا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مۇقەررەر ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتايدا ھەممىلا جايدا «ئۇچقۇن» بار. خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھازىر خۇددى يانغىن ئۈچۈن تەييارلانغان ئوتۇن-چاۋالاردەك دۆۋىلەندى. بۇلارغا ئەگەر بىر تال سەرەڭگە ياقسىڭىزلا لاۋۇلداپ يېنىپ، پۈتۈن خىتايغا كېڭىيىشى، ھەتتا كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى ئۆرتەپ تاشلىيالىغۇدەك زور يانغىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، مەسىلە بۇ يانغىننىڭ قانداق تۇتىشىشى ھەم بۇ يانغىننى قانداق قىلىپ پۈتۈن خىتايغا ئۇلغايتىشتا بولۇپ قالدى.»

مىسىردا خەلق ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرى ھەم گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە مىسىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ھەم خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي زىيالىيلىرى بۇ مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، خىتايدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە كونكرېت چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار سۆزىدە ھازىر خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ خىتايدىمۇ خۇددى تۇنىس، مىسىرلاردا يۈز بەرگەندەك، نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالىغۇدەك قۇدرەتكە ئايلىنىش ئېھتىمالىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.