خىتاي كارخانىلىرى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى

"شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان تۆتىنچى دۇنيا" ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزچىل ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. بۇ ژورنالنىڭ ئاساسى مەقسىتى دۇنيادا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مىللەتلەر ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىش بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغان.

0:00 / 0:00

بۇ ژورنالنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان ئىككىنچى پەسىللىك سانىدا "خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دۈشمەنلىك سىياسىتى يۈرگىزىۋاتىدۇ"،"يىپەك يولىدىكى ئۆتكۈر پىچاق"،"خىتاي ئۆزگىرىش ئىچىدىكى بىر دۆلەت"،"خىتاي تارىخى ھەققىدىكى پاكىتلار" قاتارلىق بىر قىسىم ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەردە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەتچىلىك سىياسىتى، مەدەنىي قىرغىنچىلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كەلتۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرى بايان قىلىنغان.

"يېڭىسار پىچاقلىرى" خىتاي كارخانىلىرى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان

يېڭىسارنى ۋە يېڭىسار پىچاقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەن ئاپتور پېر ئېڭىستىرۆم "يىپەك يولىدىكى ئۆتكۈر پىچاق "نامىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ "مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىسار پىچاقلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى داڭلىق. يېڭىسار پىچاقلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپىتى ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى پىچاقچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغانلىقىدا، بىراق بۈگۈنكى كۈندە "يېڭىسار پىچاقلىرى"دېگەن بۇ ماركا خىتاي كارخانىلىرى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىپ، ئۇيغۇر پىچاقچىلىقىنىڭ يۇقىرى چوققىسى بولغان بۇ ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي كارخانىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن "يېڭىسار پىچاقلىرى"نامىدا ناچار پىچاقلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، يېڭىسار پىچاقلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى ئالدىغاندىن سىرت، يېڭىساردىكى ئۇيغۇر پىچاقچىلارنىڭ پىچاق سېتىش يوللىرىنىمۇ مونوپول قىلىۋالغان. ئۇيغۇر پىچاقچىلىرىنىڭ ئۆز پىچاقلىرىنى پەقەت خىتاي كارخانىلىرىغا مەجبۇرىي تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشتىن باشقا يولى قالمىغان، ئۇلارغا سېتىپ بەرمىگەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر خىل بېسىم ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىغان.

يېڭىسار پىچاقلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنغان ئاپتور ماقالىسىدە يەنە مۇنداق جۈملىلەرنى يازىدۇ" بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كارخانىلىرى شىنجاڭدىكى ھەممە نەرسىنى كونترول قىلغان. ئۇلار دەسلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، پاختا ۋە باشقا يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى كونترول قىلغان بولسا يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىك قاتارلىق تۈرلىرىنىمۇ كونترول قىلىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈنلەي خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن.خىتاي كارخانىلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان يېڭىسار پىچاقلىرىنىڭ تەقدىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتنىڭ ئېنىق بىر مىسالى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ياكى پۈتۈنلەي خاراب بولۇپ، يېڭىچە خىتاي مەدەنىيىتى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن زور ياردەمگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مونوپول قىلىۋالغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى.

خىتاي جىددىي ئۆزگىرىش ئىچىدىكى بىر دۆلەت

"خىتاي جىددىي ئۆزگىرىش ئىچىدىكى بىر دۆلەت" دېگەن ماقالىدە ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ" خىتاي جىددىي ئۆزگىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇ يەردە كونا بىنالار ئورنىغا يېڭى بىنالار سېلىنىۋاتىدۇ، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دراماتىك شەكىلدە زورىيىۋاتىدۇ. بىراق بىر نەرسە ئېنىقكى، مۇۋەپپەقىيەت بولغان يەردە چوقۇم يوقىتىش بولىدۇ، بىز يېڭىلىق ناھايىتى تىز بولغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە نەزەر سالساق، ئۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىش ناھايىتى قاتتىق بولغانلىقىنى بايقايمىز. خىتاي دەل ئۆز يېڭىلىقلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇش ئۈستىگە قويۇۋاتقان دۆلەتتۇر. ئاپتور ماقالىسىنى پۈتۈن خىتايدا بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە بېغىشلىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ توختالغان.

ئاپتور مۇنداق يازىدۇ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ غەربىي رايونىنى كونترول قىلىشى ناھايىتى قاتتىق بولۇۋاتىدۇ. گەرچە ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلەتكەن قانۇنى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا يوق. ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ھەر قايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىن نەقىل ئالغان ۋە ئولىمپىك ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ خىتايدا قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان

"خىتاي تارىخى ھەققىدىكى پاكىتلار" دېگەن ماقالە شۋېتسىيە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى فرېدرىك فاللمان تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي تارىخىدا يېزىلىۋاتقان ۋە بىر قەدەر نامى چىققان سۇلالىلەردىن چىن سۇلالىسى، تاڭ سۇلالىسى ۋە مىڭ سۇلالىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ سۇلالىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغانلىقىنى يازىدۇ.

ماقالىگە خىتاينىڭ ھازىرقى خەرىتىسى ئاساسىدا بۇ 3 سۇلالىسىنىڭ ئىگىلىگەن زېمىنلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان يەرلىرى ئېنىق خەرىتىلەشتۈرۈلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ تارىخى زېمىنىنىڭ پەقەت دېڭىز بويىدىكى بىرقىسىم جايلار ئىكەنلىكى، بۈگۈنكى "جۇڭگو" دەپ ئاتالغان زېمىننىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايلارغا تەۋە بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر،تىبەت ۋە موڭغۇللارغا تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.