ئەمما، خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىۋېتسىيە ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇلارنىڭ شىۋېتسىيىگە كېلىشى ۋولوۋنى سېتىۋېلىش توختىمىغا قول قويۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلماستىن، بەلكى خىتاي بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سودا توختاملىرىنى تۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ شى جىنپىڭ 28 - مارت كۈنى شىۋېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى ھېسابلانغان يۆتوبورى شەھىرىگە بېرىپ ۋولۋو شىركىتىنىڭ باش شتابىنى زىيارەت قىلغان ۋە توختامغا قول قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
ۋولۋو ئاپتوموبىل شىركىتى شىۋېتسىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيە سانائىتىنىڭ سېمۋولى ۋە ئوبرازى سۈپىتىدە قارىلىپ كىلىۋاتقان ئىدى. ۋولۋو شىركىتى 1926 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 10 تۈرلۈك ئاپتوموبىل تىپىدىكى قانتانش قوراللىرىنى ۋە بىر قىسىم ماتورلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭ چىقارغان.
ھازىر بۇ كارخانىنىڭ 20 مىڭغا يېقىن ئىشچى - خىزمەتچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى شىۋېتسىيە ۋە بېلگىيىلەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ۋولۋو ئاپتوموبىل شىركىتى 1999 - يىلى ئامېرىكا "فورت" شىركىتىگە 50 مىليارد كرونغا سېتىۋىتىلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كرىزىستىن كېيىن "فورت" شىركىتى" ۋولۋو"نى سېتىۋېتىشنى قارار قىلغان. "فورت شىېركىتى بىلەن خىتاينىڭ "جېلىي" ماشىناسازلىق گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سودا سۆھبىتىدىن كېيىن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا سودا توختىمىغا قول قويۇشقا پۈتۈشكەن.
شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشچە "ۋولۋو" شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى باھاسى 13 مىليارد كرون يەنى 1.8 مىليارد دوللار بولۇپ بېكىتىلگەن. ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يۆتوبورىي شەھىرىدىكى ۋولۋونىڭ باش مەركىزىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، ئۇلار ئىشلەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ ھىممىسى دېگۈدەك ۋولۋو ماركىلىق بولسىمۇ، ئەمما يالغۇز شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ مېرسىدېس ماركىلىق بولۇشى، شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ ھەيرانلىقىنى ۋە ۋولۋو شىركىتىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
شىۋېتسىيە خىتاي بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىۋېتسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىزچىل تۇراقلىق ھالەتتە داۋاملىشىپ كەلگەن. خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى شىۋېتسىيىدە 60 يىللىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ۋە خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلىق قىلدى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شىۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇت مەسىلىسى بىلەن ئارىغا چۈشكەن كۆڭۈل ئاغرىقىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
شى جىنپىڭنىڭ شىۋېتسىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا 8 تۈرلۈك سودا توختىمى تۈزۈش نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان سوغىسى ھېسابلىنىدىكەن.
گەرچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى داۋامىدا، شىۋېتسىيە پادىشاھى كارل گوستاۋ 16، باش ۋەزىرى فرېدىرىك رايىنفېلد بىلەن كۆرۈشۈش ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ باش تىمىسى بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ئاساسلىقى ۋولۋو شىركىتىنىڭ سېتىلىشى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى مەسىلىسى بولغان بولۇپ، ئۇلار ۋولۋونىڭ كەلگۈسىدە خۇددى خىتاي ئاپتوموبىللىرىدەك خەلقئارا بازارلاردا ئوبرازى خۇنۈكلىشىپ، داڭلىق مارىكىلار سېپىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.