پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى، 2007-يىلى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى ۋە گىلگىت شەھىرىدە خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. بۇ جەمئىيەتكە خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئەزا بولغان ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ جەمئىيەتكە بۇلتۇردىن باشلاپ بەلگىلىك مىقداردا پۇل بەرمەكتە؛ ئەمما جەمئىيەت مەسئۇللىرى بۇ پۇلنى نەگە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باشلىقى رىزا خان ۋە پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن مەلۇمات ئىگىلىدى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، بىر قانچە يىلدىن بېرى بەلگىلىك مىقداردا پۇل ئالماقتا. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ پۇلنىڭ مىقدارى 50 مىڭ بىلەن 100 مىڭ دوللار ئارىسىدا، بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، 200 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق. ئەمما بۇ پۇلنىڭ كىم ئۈچۈن ۋە قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس. پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ پۇلنىڭ نەگە ئىشلىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن پۇلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا نارازى:
گېزىت خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلغان. ئۇلار زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ماختاپ، پاكىستان گېزىتلىرىدە ماقالىلەرنى يازغان. جەمئىيەت رەئىسى رىزاخاننىڭ بۇ تۈردىكى ماقالىلىرىدىن بېرى، پاكىستاندىكى «ئىقتىسادقا نەزەر» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان. پاكىستاندىكى بەزى ئۇيغۇرلار، مەزكۇر جەمئىيەتكە بېرىلگەن پۇلنىڭ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى، شۇڭا ئەلچىخانىنىڭمۇ، بۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى سورىمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.