0:00 / 0:00
<<خەلقئارالىق موڭغۇل - خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى يىغىنى>> غا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، دۇق باياناتچىسى دىلشات رېشىت، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇغېنى مامۇت، تۇرسۇن جان ۋە غەيرەتجان روزى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلغان. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.