خىتاي مۇتەخەسسىسلەر: 'خىتايدىكى نوپۇس تېزگىنلەش سىياسىتى ئۈنۈملۈك بولدى، ئەمما بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس'

5 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تېنچ ئوكيان نوپۇس - سەھىيە ۋە ھوقۇق چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا باشلانغان. بۇنىڭدا خىتاي نوپۇسىنىڭ زورىيىش ئەھۋالى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلگەن. دوكلاتتا خىتاي نوپۇسىنىڭ 30 يىللىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى نەتىجىسىدە تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا - تېنچ ئوكيان نوپۇس - سەھىيە يىغىنىدا خىتاي مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا 30 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى نەتىجىسىدە 400 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا 70 - يىللاردا 8.5 پىرسەنت بولغان تۇغۇت نىسبىتى 8.1 پىرسەنتكە چۈشكەن.

يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي مۇتەخەسسىسلەر: " نوپۇسنى تېزگىنلەش سىياسىتى خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تۈرتكە بولدى. خىتاي دۇنيا تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ7 پىرسەنتىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىغان ئىنساننى باقتى. خىتاينىڭ نوپۇسنى تېزگىنلەش سىياسىتى دۇنيا نوپۇسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە ئېنېرگىيىسىنى تېجەش ئۈچۈنمۇ زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى،" دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما خىتاي مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا بۇ رەقەمنىڭ خىتاي ئۈچۈن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ يەنىلا نوپۇس تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيىتپ، " نوپۇس كۆپ، ئىقتىساد ئاجىز بولۇشتەك ئەھۋال خىتاينىڭ ھازىرقى تۈپ مەسىلىسىدۇر. نوپۇس مەسىلىسى خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا بىر توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇندىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ نوپۇسى يىلىغا 8 مىليوندىن ئېشىپ بارىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ جىنسىي تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىمۇ خىتايدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىز - ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى ھازىر 118 گە 100 بولۇپ، قىز بوۋاقلارنىڭ سانى ئوغۇل بوۋاقلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەن ئىكەن.

خىتايدىكى بوۋاقلارنىڭ جىنسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە 2007 - يىلى تھە ئوبسەرۋەر جۇرنىلىدىمۇ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ماقالىدە، خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىيائىستى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىغانلىقتىن قىز بوۋاقلارنى چۈشۈرۈۋېتىش ئەھۋالىنىڭ كۆپلەپ كۆرۈلۈئوۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا قىز - ئوغۇل نىسبىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. ماقالىدە يەنە 2020 - يىلىغا كەلگەندە ئۆزىگە جۆرە تاپالمايدىغان خىتاي ئەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 40 مىليونغا يېتىدىغانلىقى، ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا بۇنىڭ خىتايغا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋمۇ جىنسىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىگە مۇھىم بىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە چوقۇم بىر چارە تېپىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ قېتىملىق ئاسىيا - تېنچ ئوكيان نوپۇس ۋە سەھىيە يىغىندىمۇ خىتايدىكى قىز - ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئالدىدىكى جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي نوپۇس جەمئىيىتىنىڭ سېكرېتارى جې جىڭمىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈرپ: "بىز بۇرۇن نوقۇل ھالدا نوپۇسنى كونترول قىلىش بىلەنلا بولۇپ، نوپۇسنىڭ كۆلىمى، تارقىلىشچانلىقى، سۈپىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۆل بۆلمىگەن ئىدۇق. بىز بۇندىن كېيىن سىياسىتىمىزنى ئۆزگەرتىمىز. بىز بۇرۇن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا مەمۇرىي تەدبىرلەرگە تايانغان ئىدۇق. بۇندىن كېيىن قانۇن، تەلىم - تەربىيە، تېخنىكا ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرگە تايىنىمىز،" دېگەن.

خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرى ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار بولسا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ رەھىمسىزلەرچە ۋە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەنمۇ 2008 - يىلىدا بەرگەن دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان 20 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليون 200 مىڭ بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي نوپۇس جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جىئې جىڭمىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا قىلغان سۆزىدە خىتايدا بۇرۇن مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇندىن كېيىن بۇنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ، "بىزدە بۇرۇن جەرىمانە قويۇش، بىرىنچى بالىدىن كېيىن مەجبۇرىي ئۈزۈك تاقاپ قويۇش، ئىككىنچى بالىنى چۈشۈرىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. بىز ئەمدى بۇنى ئۆزگەرتىمىز. مەجبۇرلاشقا يول قويمايمىز، ھازىر مەجبۇرلاش ئەھۋاللىرى بارا - بارا ئازايدى، ئەمما پۈتۈنلەي يوقىتىشقا يەنىلا ۋاقىت كېتىدۇ،" دېدى.

ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈۋېتىش ئەھۋالى ئازىيىش تۈگۈل، بارغانسېرى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. كۈزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاينىڭ بۇ سۆزىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىن كېلەچەكتە ۋەدە قىلغىنىدەك مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق تۇغۇت كونترول قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يەنىلا قاتتىق داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.