دۇنيا بويىچە دۆلەت باي، پۇقراسى نامرات بولغان دۆلەتنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى غەرب ئەللىرىدە بىرلىككە كەلگەن قاراشقا ئايلانماقتا. خىتاي ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ دۆلەت خەزىنىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ بىر پىرسەنتىگە يەتمەيدىغان بايلارنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىشى قارشىلىقلارغا ئوت پىلتىسى بولماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي سانائەتكە ھەسسىلەپ مەبلەغ ئاجراتماقتا. خىتاي پۇقرالىرى بولسا «بىر تال ئوق ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇلنى، بىر پۇقرانىڭ قورساق مەسىلىسىگە سەرپ قىلىڭلار!» دەپ لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نامايىش قىلماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 30 - نويابىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن خىتايدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال سوممىسىنى 0.99 دوللار قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەلۇمات خىتايدا پۇقرالارنىڭ قايسى دەرىجىدە نامرات ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا بىلدۈرۈپ بەردى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى 29 - نويابىر كۈنى بېيجىڭدا نامراتلارنى يۆلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى بېكىتىپ چىققان. بۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتاي دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات 75 دۆلەتنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قالغان. ھەتتا نامراتلىقتا ھىندىستان، ۋېيتنام، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئارقىسىدا قالغان. خىتايدا نامراتلار سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئوندىن بىرىنى تەشكىل قىلغان. 128 مىليون كىشى جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. خىتاي پۇقرالىرى بۇ دەرىجىدە نامرات بولسا، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى قايسى دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى ئەپەندى مۇنداق دېدى:
- خىتايدا ھەرھالدا ئەڭ نامرات دېھقانلارنىڭ يىللىق كېرىمى ئاز دېگەندە 1500 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئەمما خىتاينى سەمرىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يىللىق كېرىمى تېخى مىڭ يۈەنگە ئۇلاشمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ، توك مەسىلىسى تېخى تولۇق ھەل بولغىنى يوق. نۇرغۇن كىشىلەر داۋالىنىشقا قۇربىتى يەتمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ھادىسىلەر ھېلىمۇ يۈز بەرمەكتە. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يەنىلا كەپىلەردە دەرس ئوقۇۋاتقان بالىلار بار. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ ئىشسىز يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ كەسپىنى خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرى بەربات قىلىپ بولدى. دېھقانلارنىڭ بىر يىل جاپا چېكىپ تاپقان - تەرگەنلىرى ئوغۇت پۇلىغا بويلاشمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى يىل بويى ئىشلەپ ھۆكۈمەتكە قەرزدار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ دېھقانلىرى ئۆزى خالىغان زىرائەتنى تېرىش، ئۆزى خالىغان كىشىگە سېتىش، ئۆزى خالىغان كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس.
90 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بىزگە خالىغان چاغدا ھاجەتخانىغا بېرىشتىن باشقا ئەركىنلىك قالمىدى» دېگەن گەپلەر مودا بولۇشقا باشلىغان. 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، «يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ تۈرمىگە كىرىپ چىقمىغانسەن؟» دەيدىغان گەپلەر مودا بولۇشقا باشلاپتۇ. يەنى، ئەتىگىنى ئۆيىدىن سالامەت چىققان بىر ئۇيغۇر، كەچتە ئۆيىگە سالامەت قايتىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، داۋاملىق دەككە - دۇككە ئىچىدە ياشايدىغان، دوست - يارەنلىرىنى بىرەر ھەپتە كۆرەلمىسە، «ئۇنى تۇتۇپ تۈرمىگە ئەكىرىپ كەتكەنمىدۇ؟» دەپ ئەنسىرەيدىغان ۋەزىيەتكە دۇچار بوپتۇ. ئۇيغۇرلار نامراتلىقنىڭ ئەلىمىنى تارتقاننىڭ ئۈستىگە، سىياسىي بېسىمنىڭ ئەلىمىنى تارتىۋاتىدۇ.
دۇنيا بويىچە نامراتلىق ئۆلچىمى ئەڭ تۆۋەن، نامراتلار نوپۇسى 2 - دەرىجىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي بۇ قېتىمقى يىغىندا 80.5% دېھقاننىڭ يىللىق كېرىمىنى 2300 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ھەربىر پۇقرانىڭ كۈنلىك ئىستىمال سوممىسىنى 0.99$ غا ئۆرلەتمەكچى بولغان. ھالبۇكى، دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ھەربىر پۇقرانىڭ كۈندىلىك ئىستىمال سوممىسىنىڭ 1.25$ دىن تۆۋەن بولماسلىقى بەلگىلەنگەن. خەلقئارالىق ئۆلچەمدە بولسا، ھەربىر پۇقرانىڭ كۈندىلىك ئىستىمال سوممىسى 2$ دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يىغىندىن كېيىن مەتبۇئاتقا، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 2020 - يىلىغا بارغاندا نامرات ئاھالىلەرنىڭ يىمەكلىكتىن، كىيىمدىن غەم قىلمايدىغان، ئاساسىي داۋالىنىش، مائارىپ ۋە تۇرالغۇ كاپالىتىگە ئىگە بولىدىغان ھالغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى خەلقئارانىڭ 2008 - يىلىدىكى ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن بولغان.