خىتاينىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى ھېيت تەنتەنىسى

يېقىندا "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى"دە "خىتاينىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى ھېيت تەنتەنىسى" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە " نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى ئېدۋارد ۋاڭنىڭ قەشقەردىكى زىيارەت خاتىرىسىگە ئاساسەن تەييارلانغان. ئۇ، ماقالىدە روزى ھېيت مەزگىلىدە قەشقەردە كۆرگەنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

0:00 / 0:00

ئاپتور ئېدۋارد ۋاڭ ماقالىسىدە روزا ھېيت مەزگىلىدە قەشقەردە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغانOpens in new window ]

. ئۇ، ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا قەشقەرنىڭ قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان ئاچچىق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: "ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە، كىشىلەر ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋاتقاندا، ھەربىي ۋە ساقچى ماشىنىلىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداننى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى ساقچىلار بولسا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئوقۇلىدىغان ھېيت نامىزىنى ئوردا مېھمانخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ كۆرمەكچى بولغان چەتئەللىكلەرنى ئۆگزىگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى."

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭغا قەشقەردىكى ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈپ "بۇ يىل ۋەزىيەت ئالدىنقى يىلىدىكىدەك جىددىي ئەمەس، لېكىن شۇنداقتىمۇ ساقچىلار بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە" دېگەن. ئاپتور سۆزىنىڭ داۋامىدا بۇ ئۇيغۇرنىڭمۇ خۇددى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئاپتور ئېدۋارد ۋاڭ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، قەشقەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن بۇرۇقتۇرما ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق چىڭىتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئازراق يۇمشاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇۋېتىپتۇ."

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئۆتكەن ئايدا ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

ئۇ، قەشقەرنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بازارلىرىدىن، مەززىلىك تائاملىرىدىن ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بېرىپ، قەدىمىي يىپەك يولى مەزگىلىدە ئىمپېرىيىلەر ئارىسىدىكى مۇھىم تىجارەت مەركىزى بولغان قەشقەردىكى "قەدىمىي شەھەر" رايونىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "بىر ئۇيغۇرنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمىي شەھەرنىڭ چېقىلغانلىقىدىن نارازى ئىكەن. ئۇ، ماڭا 'ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن كارى يوق' دېدى. ئۇ، ماڭا يەنە ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ بۇرۇنقى رەسىملىرىنى كۆرسەتكەچ، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدا بۇرۇن بىر يېشىل بىر باغ بارلىقىنى، ئەمما باغنىڭ90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يول ياساش باھانىسى بىلەن بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ماڭا' بىزنىڭ تارىخىمىز يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا' دېدى."

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ھېيت كۈنى ئەتىگەندىكى ھېيت نامىزى مەنزىرىسىدىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنى ئەتىگەندە قوللىرىدا جاينامازلىرىنى كۆتۈرۈشۈۋالغان مىڭلىغان ئۇيغۇر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىغا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن يىغىلغاندا، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. ھېيت نامىزى سائەت 7:30 بىلەن باشلىدى. كىشىلەر ھەممىسى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھېيت نامىزىغا باشلىدى. بىردىنلا نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سەجدىگە باش قويدى."

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنۇ بايانلار بىلەن تاماملىغان: "ھېيت نامىزى يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاياغلىشىپ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كوچا - كوچىلارغا تاراپ ئۆيلىرىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. بىر ئۇيغۇر يېنىدا كېتىۋاتقان بىر فرانسىيىلىك ساياھەتچىگە كۈلۈپ تۇرۇپ ئىنگلىز تىلىدا 'بۈگۈن بەك ياخشى بىر كۈن بولىدىغان بولدى، چۈنكى كوچىدا بىرمۇ خىتاي يوق' دېدى."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.