بدت تەتقىقاتچىسى: خىتاي قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ 'ئىرۇسالېمى'دا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، گەرچە بۇ پىلان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قارشىلىقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارشىلىقلارنى نەزەرگە ئالماستىن، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى چېقىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆي - ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپOpens in new window ]

خەلقئارادىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوغدىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىلىۋاتقان بۇ شەھەرنى چېقىشى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىنىۋاتقان ئىدى. يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى كاتخلېن خانىم ئېلان قىلغان، "خىتاي قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ 'ئىرۇسالېمى'دا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟" ناملىق ماقالە جەمئىيەتتە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى ھەم كرانلىرىنىڭ يازىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇزۇشىدىن كېيىن، توپا ‏ - چاڭ ئىچىدە قالغان، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى2000 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەر بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تىمتاسلىققا چۆككەن ئىدى، شۇ تاپتا قارىماققا شەھەرنىڭ بۇ قىسمى ھازىرچە ئامان قالغاندەك قىلاتتى،" دەپ باشلايدۇ ئاپتور ماقالىسىنى.

ئاپتور قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى بۇ چېقىش ئىشىنىڭ ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: " لېكىن، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تەشكىلاتى ھەم قەدىمى مەدەنىيەتنى قوغدىغۇچىلارنىڭ شۇنچە قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي، ھازىر بۇ قەدىمى شەھەر ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. قېلىپ قالغان كوچىلاردىكى تاملارغا چاپلانغان ھەر خىل ئېلانلار ئەنئەنىۋى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن بۇ شەھەر يەنىلا چېقىلىپ ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن قۇتۇلمىغان ئىدى."

ئاپتور قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نەقەدەر مۇقەددەس جاي ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمى مەدەنىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەنريك سزادزىېۋسكى ئەپەندىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:" ئۇيغۇرلار ‏-- مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ تۈركى تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىشى بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭلا ۋەيران قىلىنىشى بولماستىن، بەلكى بىر قەدىمىي مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش بولماقتا. قەشقەر شەھىرى خۇددى ئېرۇسالېم شەھىرى خرىستىئانلار، يەھۇدىيلار ھەم مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بولغىنىدەك، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنمۇ شۇنچە مۇقەددەس جاي ئىدى. بۇ شەھەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر گەۋدىسى سۈپىتىدە، ئىلگىرى، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى!"

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى خىتاينىڭ غۇلجا ھەم قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىنى چېقىش قىلمىشلىرىغا قارىتا مەتبۇئات يۈزىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر كونا شەھىرىنى چېقىپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتى ھەم ياشاش شارائىتىغا ماس كەلمەيدىغان زامانىۋى بىنا ئۆيلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنىڭ خاتا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر ماقالە خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان " قەشقەر كونا شەھىرى تارىختىن قالغان كىشىلەرنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە، مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ 2001 - يىلى بۇ شەھەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تۈزەشكە قاتناشقان بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ ئۆز نام - شەرىپىنى ئېلان قىلماسلىق شەرتى بىلەن دېگەن مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ: "بىز دەسلەپ بۇ لايىھىنى تۈزگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مۇھىم ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئىكەنمىز. بىز كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلىش، خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن سالغان بۇ بىنالارغا كۆچۈپ كىرىشكە قوشۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر 40% كىمۇ يەتمەيدۇ، 2868 ئائىلىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن سېلىنغان بۇ ئاھالىلەر رايونىغا ھازىرغىچە كۆچۈپ كىرگەنلەر 500 ئائىلىگە يەتمەيدۇ. مانا ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئۆيلەرنى باھاسى ئەرزان بولغىنى ئۈچۈن باشقىلار سېتىۋېلىشقا باشلاۋاتىدۇ."

مۇخبىر ماقالىسىدە، ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ بۇ ئاھالىلەر رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرگىنى ئۈچۈن بىنا ئۆيلەرگە كۆنەلمىگەنلىكىنى مۇنداق يازىدۇ: "يېڭى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىرگەن، دوپپىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 68 ياشلىق يۈسۈپ بوۋاي ئۆزىنىڭ خولۇم ‏ - قوشنىلىرى بىلەن پاراڭ سېلىشالمايدىغان، ئىلگىرىكىدەك سۇپىدا كۆرپىلەر ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلاش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ، ساياھەتچىلەر ئۆيىگە كېلىپ دوپپىلىرىنى سېتىۋالىدىغان ھالەتتىن، يىراق بازارغا بېرىپ دوپپىلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا."

دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى چىقىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى ئىزاھلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي - زېمىنلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان زامانىۋى سودا شەھىرى قۇرۇش مەقسىتىدە بىر قەدىمى مەدەنىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىمۇ يوقىتىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

كاتخلېن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھازىرقى زامانىۋىيلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان خىتاي شەھەرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆزىدىكى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى جەلپ قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشتا ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ئەگەر بۇ شەھەرنى چېقىشنى توختاتمىسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا مۇقەددەس بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئېرۇسالېم شەھىرىدەك مۇھىم بولغان بىر مەدەنىي يادىكارلىقنى ۋەيران قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنى بىر قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە قايتۇرۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى قاتتىق نارازىلىقلارغا پىسەنت قىلماستىن، قەشقەر شەھىرىنى چېقىشى، پەقەتلا بىر قەدىمىي يادىكارلىق بولغان ئىمارەتلەرنى چىقىشلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللىي مەدەنىيەتنى بىر دەۋرنى، بىر تارىخنى يوقىتىش بولۇپ، خىتاينى تەنقىدلەش، خىتايغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە خىلاپ بۇ قىلمىشىنى توسۇپ قېلىش دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.