خىتاي 60 يىلدا ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

بۇ يىل كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

لېكىن يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي زىت بولۇپ، بۇ 60 يىلنىڭ "ئۇيغۇرلارغا پۈتمەس - تۈگىمەس بالا ئاپەتلەر" نى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرى تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئابدۇلئەزىز ئەمەت ئەپەندىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئابدۇلئەزىز ئەمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.