بۇ خەۋەر شۋېتسىيە رادىئوسىدا بېرىلگەن خەۋەرگە ئاساسلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، خەۋەردە نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ ئۆتكەن يىلى، ئۈچ كىشىنىڭ 2008 - يىلى 1 - ئايدا خىتايغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەنلىكىنى يازغان. خەۋەردە بۇ ساياھەت ھەققىدە سوت ئىدارىسىغا ئەرز بېرىلگەنلىكىنى، شۋېتسىيە سوتىنىڭ بۇنى ئېنىقلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە سوت ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ رادىئوغا بەرگەن باياناتىغىمۇ يەر بېرىلگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "بىز ئالدى بىلەن خىتايلارنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى نېمىشقا ئۆتىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك. خىتايلار بۇنداق مۇھىم كىشىلەرگە مۇشۇ يول بىلەن تەسىر كۆرسەتمەكچىمۇ؟"
نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى ھېچقانداق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى بىر مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزىدىن سورىغان سوئالىغا `بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق` دەپ جاۋاب بەرگەن. خەۋەردە ئۇزۇن يىلدىن بېرى نوبېل مۇكاپاتى ئالالمايۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ئارقا ئىشىك قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى بۇنداق تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟
تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نوبېل مۇكاپاتى ئالالمايۋاتقان خىتاينىڭ بۇنىمۇ ئارقا ئىشىك بىلەن ئالارمەن دەپ ئويلىشى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايلارنىڭ ئۆز خەلقى ئاچ - يالىڭاچ بولسىمۇ، چەتئەللىكلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ ئۇلارغا گۈزەل يەرلەرنى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش سىياسىتىنىڭ 2000 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دېموكراتىك دۆلەتلەردە بۇ خىل زىيارەتلەر، يولسىزلىق ۋە پارىخورلۇق دەرھال پاش بولغاچقا بۇنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى، ئەمما خىتايدەك دېموكراتىيە يوق دۆلەتلەردە بۇ خىل ئارقا ئىشىكلەرنىڭ پايدىسى بارلىقىنى ئېيتتى.