ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خەلقئارادا مەخسۇس راي سىناش ۋە خەلقنىڭ رايىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 'گلوبسكەن' دېگەن تەشكىلات بىلەن ئامېرىكىدىكى مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە، 28 دۆلەتتىكى 20 مىڭ ئادەم دائىرىسىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان.
خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى بۇلتۇرقىدىن تۆۋەنلىدى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئوبرازى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى
بۇ راي سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىغا بولغان 2008 - ، 2009 - يىللاردىكى سەلبىي كۆز قاراش، بۇ يىلمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمىگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى سەلبىي دەپ چۈشىنىدىغان ياۋروپادا، گەرچە پورتۇگالىيە بىلەن فرانسىيىدە سەلبىي دەپ چۈشىنىدىغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن سەل ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى سەلبىي دەپ چۈشىنىدىغان ئادەم سانى بۇلتۇرقىدىن كۆپىيىپ قالغان. فىلىپپىن، ياپونىيىلەردە خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى داۋاملىق كۆزۈتۈۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن. ئەمما مۇشۇ دائىرىدە ئېلىپ بارغان راي سىناشتا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئوبرازىنى سەلبىي دەپ چۈشىنىدىغانلارنىڭ نېسبىتى 55% دىن 51% گە تۆۋەنلىگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنىڭ سەلبىي بەلگىلىرىگە يەنە بىر سەلبىي بەلگە قوشۇلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنازىرىلەرنىڭ بەزىلىرىدە، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى 'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن ماركا چاپلانغان ساختا ماللار ئارقىلىق سەلبىيلەشتى، دەپ قارالسا، يەنە بەزىلىرىدە ، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى ئەمەلدارلاردىكى چېرىكلىك ئارقىلىق سەلبىيلەشتى دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى.
بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا، خىتاي 'مۇقىملىقنى ساقلاش' دەپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانسېرى، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى شۇنچە سەلبىيلىشىۋاتىدۇ، بۇ سەلبىي ئوبرازنى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى بىلەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇ ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئىپادىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
شۇنداقلا بۇ دوكلاتتا يەنە، ئەگەر خىتاي 'مۇقىملىقنى ساقلاش' ئۈچۈن بۇ يىلقىدەك يەنە دۆلەتنىڭ مالىيىسىدىن ئاجرىتىدىغان مەبلەغنى بۇلتۇرقىدىن 16% كۆپەيتىپ خەلقنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى باستۇرۇۋەرسە، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتكە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئالىدۇ، ئىجتىمائىي زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتايلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ھەدەپ 'خىتاي شەھىرى' قۇرۇشمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنىڭ سەلبىيلىشىشىگە سەۋەبچى بولغان
'بوشۈن تور گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، خىتايلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە كېڭىيىپ، 'خىتاي شەھىرى' قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەپ، خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. بۇمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنىڭ سەلبىيلىشىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ.
بەزى دۆلەتلەردە ھازىر 'خىتاي شەھىرى' ھەدەپ كېڭىيىۋاتىدۇ، يەنە بەزى دۆلەتلەردە 'خىتاي شەھىرى ' ئىز -دېرەكسىز يوقۇلۇۋاتىدۇ
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە بۇ جەرياندا ، بەزى دۆلەتلەردە ھازىر 'خىتاي شەھىرى' ھەدەپ كېڭەيتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى دۆلەتلەردە 'خىتاي شەھىرى ' ئىز - دېرەكسىز يوقۇلۇۋاتىدۇ.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شىمال تەرىپى سېككىم بىلەن، غەرب تەرىپى نېپال بىلەن، شەرق تەرىپى بۇتان بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدىغان ھىندىستاننىڭ بىر چايزارلىق تاغ شەھىرى بار. ئۇنىڭ قارا چاي مەھسۇلاتلىرى دۇنيادا مەشھۇر. ھىمالايا تاغلىرىدىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىغا جايلاشقان 104 مىڭ 500 دىن ئارتۇق نوپۇسى بار، ئارچا، قارىغاي بىلەن قاپلانغان ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىلىك بۇ مەشھۇر چايزارلىقتا، 1970 - يىللىرىدىن بۇرۇن خىتايلارنىڭ 100 خىل فامىلە ناملىرىنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى.
ھىندىستاندا خىتايچە 'داجىلىڭ' دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەرنىڭ نامى ھازىر ئەسلىدىكى تىبەتچە 'دورجىگلىن' دەپ ئاتىلىدۇ
1914 - يىلى ھىندىستاننىڭ بۇ گۈزەل تاغ شەھىرىدە 'جۇڭخۇا سارىيى' بىنا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرچىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ دۇكان ۋە ئاشپۇزۇللىرى تەرەققى قىلىپ، تەدرىجى ھالدا، بۇ شەھەرچىنىڭ نامىمۇ ھەتتا خىتايچە ئاھاڭ بىلەن 'داجىلىڭ' دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
ھىندىستاننىڭ بۇ شەھەرچىسىدە ھازىر خىتايلارنى ئىزدەپ تېپىش ئىنتايىن قېيىن. ھازىر بۇ شەھەردە ئۆزىنى 'خىتاي' دەپ ئاتايدىغان بىر نەچچە ئائىلە كىشىلىرىنىڭمۇ خىتايچە سۆزلەيدىغانلىرى پەقەت يوق، ئۇلار ھازىر يا ھىندىچە، يا نېپالچە سۆزلەيدۇ، گەرچە بەزىلىرىنىڭ چىرايى يەنىلا خىتايچە بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ پېشانىسىدە ھىندىچە قىزىل چېكىت بار.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 1962 - يىلىدىكى خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ شەھەرچىدىكى ھىندىستاننىڭ نېنىنى يەپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى ھېمايە قىلغان خىتايلار جازالانغان. ئۇلارنىڭ 'جۇڭخۇا سارىيى' تاقالغان. خىتايلار بۇ شەھەرچىدە ساقلاپ قالغان ئاران بىر ئاياق دۇكىنىمۇ 1970 - يىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان.
يىللاردىن بۇيان تىبەتلەر بۇ شەھەرچىدىن ئۆي - زىمىن سېتىۋېلىپ، مەكتەپ ئېچىپ، تىجارىتىنى تەرەققى قىلدۇرغان. تىبەتلەر ھازىر بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق بايلىرى ۋە خوجايىنلىرى بولۇپ قالغان. بۇ شەھەرنىڭ خىتايچە نامى ھازىر ئەسلىدىكى تىبەتچە 'دورجىگلىن' دېگەن نام بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ.
گەرچە ھىندىستان تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ جاكارتىدا تۇرۇۋاتقان خىتايلار يىللاردىن بۇيان مەبلەغ توپلاپ، بۇ مەشھۇر چايزارلىقتىكى 'جۇڭخۇا سارىيى' نى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان، ھەتتا تىبەتلەردىن ئادەم ياللاپ بۇ ساراينى مۇھاپىزەت قىلغۇزۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا بۇ گۈزەل شەھەرچىدە ھازىر 'جۇڭخۇا سارىيى' نىڭ ئەبگاھ تام ۋە راۋاقلىرىدىن باشقا ھېچنېمە تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەقىشلەرگە يېزىلغان 'خۇاشالار مەڭگۈ ئاۋات بولغاي، جۇڭخۇا سۇلالىسى مەڭگۈ داۋام قىلغاي' دېگەن سېھىرلىك بېغىشلىمىلارمۇ ھېچ نېمە قىلىپ خىتايلارنى قايتىدىن بۇ جايغا يىغىپ كېلەلمىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.