4 - ۋە 5 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېچىلغان "خىتاي ۋە ئاسىيادا دېموكراتىيىنى دۇنياۋى قوللاش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى "غا قاتناشقان ياڭ جيەنلى، دوستلىرىنىڭ تەلىپى بۇيىچە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇق پىيادە سەپىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 6 - ئاۋغۇست خوڭكوڭغا كىرگەن.
دوكتۇر ياڭ جيەنلى، بۇ يىل مايدا بوستۇندىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون كولومبىيە رايونىغىچە 500 ئىنگلىز مىلى مۇساپىلىك كىشىلىك ھوقۇق پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە 4 - ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىدى.
پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى ۋاشىنگتون بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى جىم گېھېران ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدىن تەيۋەنگە كەلگەن ياڭ جيەنلى تەيۋەندە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، 6 - ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە خوڭكوڭ ئايرودرومىغا كەلگەن، ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ھېچكىم كۆرمىگەن.
پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ياڭ جيەنلى بۈگۈن ئەتىگەن ئۆزلىرىگە تېلېفون ئۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە " مەن بىر خىتاي پۇقراسى، مېنىڭ ئۆز ۋەتىنىمگە قايتىشقا پۈتۈنلەي ھوقۇقۇم بار" دېگەن.
پۇقرالار كۈچى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ياڭ جيەنلى خوڭكوڭغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ يىل مايدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان سىچۈەن ئۆلكىسى ئاپەت رايونىغا بېرىپ يەرلىك ئامما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاپەتتە قازا قىلغان ئۆسمۈرلەرنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش شەكلىدە بەرپا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان پۇقرا مەكتىپىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى ئىكەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يان جيەنلى يەنە، ئولىمپىكنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ۋەيران قىلىش خاراكتېرگە ئىگە پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئارزۇسىدىن باشقا پىلانى يوقلۇقىنى ئىپادىلىگەن ۋە: " بىر دۆلەت پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزمەي توسۇپ قالسا، شۇنداق زۆرۈر بولغان ئىنسانىي ياردەمگە دەخلى قىلسا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ بۇ ھۆكۈمەت ئېيتىۋاتقان بىر دۇنيا، بىر غايە دېگەن مۇشۇمۇ؟ " دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن خوڭكوڭ چېگرىسىدا توسۇپ قىلىنغانلار ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكوغا جايلاشقان جۇڭگو ئاۋام تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى خىتاي سىياسىي پائالىيەتچى، جياڭ مىنمۇ بار بولۇپ، بۇلار 3 - قېتىم خوڭكوڭ چېگرىسىدا توسۇپ قېلىنغان خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئىكەن.
ياڭ جيەنلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە، بىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ياڭ جيەنلى ھازىر خوڭكوڭدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئالاھىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورگىنىدا قامال قىلىنغان.
جىم گېھېراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ياڭ جيەنلىگە توكيوغا قايتىدىغان ئايروپىلان بېلىتى بەرگەن ۋە ئۇنى خوڭكوڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئەمما ياڭ جيەنلى ئۆزىنىڭ خىتاي پاسپورتى بارلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ھەمدە ب د ت نىڭ ئالاقىدار بۇ ھەقتىكى قانۇنلىرىدا بەلگىلىگەن خىتايغا كىرىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان.
ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئولىمپىك جەريانىدا خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزىدىغان ھەرقانداق بىر نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەڭ جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا كىرگۈزمەسلىككە چارە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا كىرىپ نامايىش تەشكىللەش ئارزۇسىدىكى چەتئەل پۇقرالىرىنى توسۇپ قالالمىدى.
رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىنتايىن كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش ۋە بال چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرغۇچى ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىق خرىستىئان مۇرىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش تەشكىللىگەن ۋە " ۋەھشىيلىك توختىتىلسۇن"، " بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلانغانلارنىڭ نىدالىرى ئاڭلانماي كەلدى. مانا بىز ئۇلارنىڭ ئاۋازى،" دەپ شوئار توۋلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نامايىش قىلىش قاتتىق مەنىي قىلىنغان چاڭگا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئەتراپىدىمۇ ئىككى ئامېرىكىلىق ۋە ئەنگلىيىلىك " بىر دۇنيا، بىر غايە، تىبەتكە ئەركىنلىك " ۋە " تىبەت چوقۇم ئازات بولىدۇ" دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقنى لەپىلدەتكەن.