خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرى «ئولىمپىك ماشىنا ئادەملىرىمۇ؟»

لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسدە خىتاي ئايال سۇ ئۈزۈش ماھىرى يې شىۋېننىڭ 400 مېتىرلىق سۇ ئۈزۈشتە ئەرلەردىنمۇ يۇقىرى ماھارەت يارىتىشى خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېتىشتۈرۈلۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تالاش - تارتىش ياراتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.08.03
xitay-olimpik-balilar-305.png بىر خىتاي تېرىنىر كىچىك بىر قىزنى گىمناستىكا تۈرىدە چېنىقتۇرماقتا
AFP


بولۇپمۇ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خىتايدىكى مەخسۇس تەنتەربىيە ماھىرلىرى يېتىشتۈرۈلىدىغان مەكتەپلەردە تەن جازاسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان زالىم ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيىىلىنىۋاتقان كىچىككىنە بالىلارنىڭ رەسىملىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جامائەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتىپ، مۇلاھىزە ياراتتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندا فرانسىيە ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ نەننىڭ، شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى گىمناستىكا مەكتەپلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ كۈندىلىك مەشق جەريانىدىكى رەسمىلىرى ئاخباراتتا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ سۈرەتلەردىكى 2 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرمۇ كۆتۈرۈلمەيدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق چېنىقتۇرۇلۇشى ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇردى. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدە، كىشىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەرگە بۇ بالىلار «مەشىق قىلىۋاتامدۇ ياكى جازالاندۇرۇلۇۋاتامدۇ» دەپ سۇئال قويۇشتى.

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كەلگۈسى ئولىمپىك چىمپىيونلىرىنى ياساپ چىقىدىغان رەھىمسز تەنتەربىيە مەكتەپلىرى» ماۋزۇلۇق رەسىملىك ماقالىدە، مۇخبىر خىتاينىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى داڭلىق تەنتەربىيە مەكتىپىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ مەكتەپتە 5 - 6 ياشلار ئارىىسىدىكى بالىلارنىڭ غەربلىكلەرنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە رەھىمسىزلەرچە ئۇسۇللار بىلەن تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردە مۇخبىرنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر مۇھىم نوقتا بولسا، بۇ بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا «ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ قوچۇش» ئىدىيىسى بىلەن يېتىشتۈرۈلىدىغانلىقى بولۇپ، ئۇ بۇ مەكتەپلەردىكى تېرىنىرلارنىڭ بالىلارغا «ئامېرىكا ۋە باشقا رىقابەتچى دۆلەتلەرنى يېڭىپ، دۆلىتىمىزگە ئالتۇن مېدال ئارقىلىق شەرەپ كەلتۈرىمىز» دەپ تەربىيە بېرىدىغانلىقىغا ھەيران قالغان.

مەزكۇر گېزىت يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللاردا يېتىشتۈرۈلۈشىنى خىتاينىڭ ئولىمپىكتە ئالغان ئالتۇن مېداللىرىنىڭ كەينىدىكى رەھىمسىز ھەقىقەت، دەپ كۆرسەتكەن.

كانادادا چىقىدىغان «يۇلتۇز» گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئولىمپىك ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ھەققىدە مۇنۇلار دېيىلگەن :

- خىتاي تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى ناھايىتى قاتتىق چېنىقتۇرىدۇ. خىتاينىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قاتتىق تالاش - تارتىش يارىتىپ كەلمەكتە. ئۇلار بالىلارنى ئۇرۇپ تەربىيىلەيدۇ. چۈنكى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۇلار «ئۇرمىساڭ، نەتىجە ئالالمايسەن» دەپ قارايدۇ.

ماقالىدە 2005 - يىلى ئەنگىلىيىلىك سۇ ئۈزۈش ماھىرى، 4 قېتىملىق ئولىمپىك ئالتۇن مېدالى قازانغۇچىسى مەتتىيۇ پىنسېنتنىڭ بېيجىڭدىكى شاخەي تەنتەربىيە مەكتىپىگە زىيارەتكە بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، پىسېنت خىتايدىكى تەنتەربىيە مەكتەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

- ئەلۋەتتە، گىمناسىتىكا ۋە شۇنىڭدەك باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىنى كىچىك ياشتا باشلاشنىڭ كۆپ پايدىسى بار. شۇنداقتىمۇ ئۇ مەكتەپلەردە كۆرگەنلىرىم مېنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتكەن ئىدى. غەربلىكلەر ۋە شەرقلىقلەرنىڭ مەشق ۋە تەربىيىلەشكە بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدىكەن. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ بالىلار ئۇ يەردە خارلىنىدىكەن. نۇرغۇن بالىلار ماڭا ئۆزىنىڭ تاياق يەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەردىكى بالىلار ئۇچراۋاتقان بۇ تۈردىكى مۇئامىلە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى فېلىم كايىن خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردە بالىلارنى قوغدايدىغان ئاساسىي مېخانىزملار تېخى ئورنىتىلمىغانلىقىنى، خىتايدىكى بالىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەتلىك، روھىي ۋە جىسمانىي شىددەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، دەپ كۆرسەتكەن.

«يۇلتۇز» گېزىتى خىتايدىكى بۇنداق تەنتەربىيە مەكتەپلىرىنى ئالتۇن مېدال زاۋۇتلىرىغا ئوخشاتقان بولۇپ، خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن : «خىتاينىڭ ئولىمپىك مېدال زاۋۇتلىرى دۆلەت تەرىپدىن بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دۆلەت ئۇلارنى بىۋاستە باشقۇرىدۇ ۋە باقىدۇ. بۇنى خىتايدا ھەممە كىشى بىلىدۇ. 2010 - يىلى ۋانكوۋېر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسدە 18 ياشلىق خىتاي قار تېيىلىش ماھىرى جۇۋ ياڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندە سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىسىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى ئۈچۈن تېرىنېرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەن، ئەينى چاغدا بۇ ئىش خىتايدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا. ئەينى چاغدا ھەتتا، خىتاي دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ زەيچىڭ ئۇنى تەنقىدلەپ «جۇۋ ياڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى گۇمانلىق» دېگەن ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىشىتىن ئاۋال، چوقۇم دۆلەتكە رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مانا بۇ خىتاينىڭ دۆلەتنىڭ ئابرويىنى تىكلەشنىلا مەقسەت قىلىدىغان ئولىمپىك چۈشى.

گېزىتلەردە قوزغالغان مۇنازىرىلەردە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قالدۇرغان سۆزلىرىدە بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھەرگىزمۇ نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش چوڭ بولمايدىغانلىقىنى يېزىشقان. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دېكتاتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بالىلارنى زالىملارچە ئۇسۇللار بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆلەت ئۈچۈن ئابروي تىكلەيدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

يۇلتۇز گېزىتى مۇلاھىزىسدە، ئەگەر مەقسەت پەقەتلا ئالتۇن مېدال ئېلىش بولسا، خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇلى ئىشقا يارايدۇ. ئەمما خىتاي تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىكنى بىر مۇسابىقە ۋە خوشاللىق دەپ قاراشتىن يىراق. ئۇلار دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ سېستىما تەنتەربىيىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان خوشاللىقىنى بىتچىت قىلىۋەتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، خىتايدا 3000 ئەتراپىدا تەنتەربىيە مەكتىپى بار بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە 400 مىڭ تەنھەرىكەتچى تەربىىلىنىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى تاللىنىپ، يەنى تەخمىنەن 40 مىڭدەك بالا مەخسۇس ئولىمپىك تەنتەربىيىچىلىرى يېتىشتۈرۈلىدىغان گىمنازىيىلەردە تەربىيىلىنىدىكەن. يەنە مۇشۇ 40 مىڭنىڭ ئىچىدىن ئاخىرى بېرىپ ئاران 400 ى ئولىمپىككە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرى 5 ياشتىن باشلاپ تەربىيىلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.