خىتاينىڭ ش ت كۈچلىرىگە قارشى ئولىمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇتەخەسسىسلەردە گۇمان قوزغىدى

مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. بۇ تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش، ئايرۇدۇرۇملاردا ئۆرتۈگلۈك مۇسۇلمان ئاياللارنى تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر يولۇچىلارغا مىھمانخانا بەرمەسلىك قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپلا قالماي، بۇ يەنە بېيجىڭدىكى بىر ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يېنىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا جازىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تاسادىپى ھۇجۇمىغا قارشى تۇرماقچى بولغانلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا جازىسى، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ياكى ئاتالمىش مەلۇم بىر تېررورچى تەشكىلاتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىغا قارشى قوغدىنىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دائىرىلەر ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلماقتا

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا جازىسى بېيجىڭنىڭ شىمالىدىكى "قۇش ئۇۋىسى" ياكى خىتاي تىلىدا Niao wo، دەپ ئاتىلىدىغان ئاساسى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ تەخمىنەن بىر كىلومېتىر جەنۇبىغا يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، جازا سۈنئىي چۆپ تالاسىدا ئورىۋېتىلگەن. "Niao wo" تەنتەربىيە مەيدانى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 8‏ - ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش، 24 ‏ - ئاۋغۇست كۈنىدىكى يېپىلىش مۇراسىمى شۇنداقلا بۇ ئارىلىقتىكى بەزى مۇھىم تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسى مەيدان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە "تېررورچىلار" نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش، بولۇپمۇ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان "بۆلگۈنچى" كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، Niao wo تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوراللارنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان قىزىل بايراق 7 - بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھادىسىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا دائىر يېقىنقى باياناتلىرىغا باغلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ 4 گۇرۇھىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 گۇرۇھنى ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان، دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋجۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بارلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان خىتاي ۋەزىيەت تەھلىلچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئولىمپىك مەيدانىنىڭ ئايروپىلان ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىغا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرى ئالغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن بۇ مەسىلىدە ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋەرمەسلىك كېرەك. شەرقىي تۈركىستانچىلار ئولىمپىك مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمايلا قالماي، ھۇجۇم قىلىش نىيىتىمۇ بولمىسا كېرەك. دائىرىلەر ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلماقتا"، دەپ كۆرسەتتى.

بىخەتەرلىك تەدبىرى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى

Niao wo دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى يېنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا جازىسى ئورۇنلاشقان جاينىڭ ئەتراپى 2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سىم توساقلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن شۇنداقلا رادار جازىسى يەرلەشتۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ نىشانى شىمالغا قارىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتىلىتىۋەتمەكچى بولغانلىقى، لېكىن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي ئايروپىلاندىكى 2 ئەركەك يولۇچى بىلەن بۇ قىزنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەتبۇئات ساھەسىگە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە دائىرىلەرنىڭ ئايرودروم ۋە قاتناش تۈگۈنلىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشىگە باھانە بولۇپ بەرگەن. ليۇ شاۋجۇ بىر تەرەپلىمىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا بولۇپمۇ مىللىي رايونلاردا يەرلىك مىللەتلەرگە خاتىرجەمسىزلىك بىلەن قارالغانلىقى، ئولىمپىك مەشئىلى يېتىپ بارغان جايلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەرلىك ئاممىغا قارىتىلغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ يەردە دۈشمەن كىم ؟ شۈبھىسىزكى يەرلىك ئامما ياكى مىللىيلار. شۇڭا ئولىمپىك جۇڭگودا مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرمەيلا قالماي، بەلكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتتى. "ليۇ شاۋجۇ يەنە" ئولىمپىك نېمە ئۈچۈن مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى قارشىلىشىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ؟ مەن دائىرىلەر بۇ مەسىلىسىنى ياخشى ئويلىشىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. كىشىلىك ھوقۇقى بولمىسا، قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىنمىسا، ئاز سانلىقلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتى ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىسە ئاتالمىش مىللەتچىلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان نەرسە بولۇپ قالىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا خىتاي دائىرىلىرى سەۋەبچى

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يەتكۈزۈلگەندە يەرلىك ئاھالىلەرگە تالاغا چىقماي ئۆيىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا تەنبىھ بەرگەن شۇنداقلا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزۇتۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئورامىنى ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىدە تىزگىنلىگەن ئىدى. ليۇ شاۋجۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئولىمپىك روھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. "ئولىمپىك ئەسلى خەنزۇلار بىلەن مىللىيلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆز ‏ - ئارا كەڭچىلىك، ھۆرمەت، ئوخشىمىغان پىكىر، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر پائالىيەت ئىدى. لېكىن بۇ ئاخىرى بېرىپ مىللەتلەر ئارىسىدا دۈشمەنلىك،جىددىيلىك، بىر - بىرىنى سىڭدۈرەلمەيدىغان بىر ھەرىكەتكە ئايلاندى. شۇڭا بۇنى بىر پاجىئە دېيىشكە بولىدۇ."

ليۇ شاۋجۇي "بۇ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ كىچىك كۆزلۈكى، تار نەزەرلىكى سەۋەب بولدى. ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلەر ئولىمپىك روھىنى ئۆلتۈردى،" دەيدۇ. ليۇ شاۋجۇي ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالىنى چەتكە قاققان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىلگىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ئولىمپىك يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوغداش بۇ خىتاي قىلىۋاتقان تۇنجى ئىش ئەمەس. ئامېرىكا 2004 ‏ - يىلىدىكى ئاتېنا ئولىمپىك يىغىنىدا گرېتسىيىگە ۋەتەنپەرۋەر بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەرلەشتۈرگەن ئىدى.