بۇنىڭدا خىتايدا رەھبەرلەر ئاغزىدا 'خەلقئارا قائىدە'نى كۆپ سۆزلىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتكە كەلگەندە 'جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ' دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، خەلقئارا قائىدە بۇيىچە ئىش قىلمايۋاتقالىقى، خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' ئۆزى ئېلان قىلغان 35 پارچە دوكلاتتا بايان قىلىنغان مەلۇماتلار ئاساسىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
'خەلقئارا قائىدە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سېلىشتۇرما' دېگەن بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 'خەلقئارا قائىدە'، 'جۇڭگونىڭ ئەھۋالى' دېگەن ئىككى ئاتالغۇ خىتايدا ناھايىتى ئومۇملاشقان. خىتايدىكى مەنپەئەتدار تەبىقە ۋە مونوپولىيىچى گۇرۇھلار، ئەگەر ئۆزىگە پايدىلىق بولسىلا، نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىش، ئەمەلدارنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن يۇقىرى مائاش بېرىش، تۇرالغۇلارنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش، بانكىلار رەسمىيەت پۇلى ئېلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، بۇنى خەلقئارا قائىدىگە ماسلاشقانلىق دەۋالىدۇ. ئەمما 'خەلقئارا قائىدە' گە ئۇيغۇن بولمىغان ئىش ھەققى، پوچتا ھەققى، ئۆي باھاسى قاتارلىق خەلققە زىيان بولىدىغان مەسىلىلەرگە كەلگەندە، 'جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ھۈرمەت قىلىش كېرەك' دەپ تەكىتلەپ قوپۇدۇ.
داۋالاش سۇغۇرتىسى جەھەتتە
بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، داۋالاش سۇغۇرتىسى جەھەتتە، ئەنگىلىيە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پۈتۈن خەلق دۆلەت ھېسابىغا داۋالىنىدىغان شەكىل يولغا قويۇلغان. ياپونىيىدە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، 30%نى خەلق ئۆزى تۆلەيدۇ، %70 نى دۆلەت تۆلەيدۇ. ئامېرىكىدا بولسا، 2003 - يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خەلقنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنىڭ 46%نى فېدېرال ھۆكۈمىتى كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت يەنە باج قايتۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ چىقىمىنى يېنىكلىتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، خەلقنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن دۆلەت %60 مەبلەغ سالىدۇ. مانا بۇ 'خەلقئارا قائىدە'.
خىتايدا بولسا، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ 2005 - يىلىدىكى بىر تەستىقىدا 'داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنىڭ تاۋارلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشى داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى بۇزۇۋەتتى، شۇڭلاشقا بۇ ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى' دەپ سەۋەب كۆرسەتتى. لاڭ شيەنپىڭ بۇ ھەقتە 'داۋالاشنى تاۋارغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، دوختۇرلار بىمارغا قارىماي پۇلغىلا قارايدىغان بولدى' دەپ ئوبزور يازغاندىن كېيىن، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ يىلى چۈشۈرگەن بىر ھۆججىتىدە 'داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى دېگەن كۆز قاراشقا قوشۇلمايمىز' دەپ كۆرسەتتى.
مائارىپ جەھەتتە
بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، مائارىپ جەھەتتە، خەلقئارادا كۆپىنچە دۆلەتتە مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز. ياپونىيىدە يەنە ئوقۇغۇچىلارغا چۈشتە بىر ۋاق قۇۋۋەتلىك يېمەك بېرىدۇ. ياپونىيىدە 1947 - يىلىدىن باشلاپ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، 1969 - يىلىدىن كېيىن ھەممىسى ھەقسىز، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن تارتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە دەرسلىك ھەقسىز. گېرمانىيىدە 12 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇش ھەقسىز. ئەنگىلىيە، شوتلاندىيىدە 5 ياشتىن 15 ياشقىچە مەجبۇرىي مائارىپ، شىمالىي ئېرلاندىيىدە 4 ياشتىن 16 ياشقىچە مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئاۋسترالىيىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە 12 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلغان.
خىتايدا بولسا، مائارىپ تاۋارغا ئايلاندۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سودىدا پايدا قازىنىشنىڭ نىشانى قىلىنغان. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى. 1980 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۈچ ئەۋلاد ئوقۇغۇچى، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ كىرىمى ئۆسمىگەن ئىقتىسادىي شارائىتتا، يۈز ھەسسە ئۆستۈرۈلگەن ئوقۇش پۇلى تۆلەپ ئوقۇدى. 20 - ئەسرنىڭ ئاخىرىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، مەكتەپلەردە خەتەر ئاستىدىكى سىنىپلارنىڭ كۆلىمى 13 مىليون كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ كۆپىنچىسى غەرب تەرەپتە. 3 تىن 2 قىسىم ئۆلكىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن مائاش پۇلى 10 مىليارد يۇەندىن ئاشىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا 4 مىليون ئاپتوموبىل بار، ھەر يىلى ئۇنىڭغا 300 مىليارد يۈەنلىك يېقىلغۇ سەپ قىلىنىدۇ. بۇ سان، سەنشيا قۇرۇلۇشىغا سەپ قىلىنغان پۇلدىن 3 ھەسسە كۆپ. 2004 - يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى 3 دېھقان ئاران باقالايدۇ.
'مائارىپنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش دېگەن گەپنى مەن چۈشەنمەيمەن'
بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي كورىيىدىكى كورىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلىقى 'مائارىپنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش دېگەن گەپنى مەن چۈشەنمەيمەن' دېگەن بولسا، ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى بىر ئۆلكە باشلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت 'ئەمچەك سېلىش'نى توختاتماسلىق كېرەك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەكتەپ كىرىم قىلىشى، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى دۆلەت مالىيىسىگە تاپشۇرۇشى لازىم، دېگەن.
خىتايدا ھەتتا بۇرۇن سېلىنغان ئايرودروملار ئۈچۈنمۇ ھەق ئالىدۇ
'خەلقئارا قائىدە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سېلىشتۇرما' دېگەن بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خەلقئارادا كۆپىنچە دۆلەتتە بېلەت ئالغان يولۇچىدىن ئايرودروم قۇرۇلۇش ھەققى ئالمايدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا، بۇرۇن سېلىنغان ئايرودروملاردىمۇ ئايرودروم قۇرۇلۇش پۇلى ئېلىپ، 'بۇ دېگەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى' دەپ سەۋەب كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئوبزوردا يەنە، خەلقئارادا بانكا سىستېمىسىنىڭ ئىش ئۈنۈمى، ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە 'خەلقئارا قائىدە' بىلەن خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر بايان قىلىنغان.