”بۇ خەنزۇلارنىڭ ئولىمپىكى، بىزنىڭ ئولىمپىكىمىز ئەمەس“

" بۇ بىزنىڭ ئولىمپىكىمىز ئەمەس، خەنزۇلارنىڭ ئولىمپىكى؛ بۇ ئىشنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا قىزىقمايمەن ‏ " ‏ - مانا بۇ جۈملىلەر ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇ بۇ سۆزىنى تۈنۈگۈن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن ئېيتقان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيەتلىرى چەتئەل ئاخباراتلىرىدا تۆۋەندىكىدەك سەرلەۋھىلەردە خەۋەر قىلىندى: " ئولىمپىك مەشئىلى شىنجاڭدا قارشى ئېلىنمىدى"، " ئولىمپىك مەشئىلى ئىسيانكار شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى"، " خىتاي مەشئەل مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆيىگە قاماپ قويدى."

ئۇيغۇرلار مۇراسىمنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردا كۆرۈشكە بۇيرۇلدى

يۇقىرىقى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئولىمپىك ئارقىلىق دۇنياغا ئوز دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىش كويىدا بولۇۋاتقان بولسا، ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەكىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ساغلاملىقىنى كۆز - كۆز قىلماقچى ئىدى. ئەمما چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تەشۋىقاتىدىن پۈتۈنلەي ئەكسىچە بىر ۋەزىيەتنى كۆرگەن.

بۇ ھەقتە، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى دەن مارتىن مۇنداق يازىدۇ: "مەيداندا 3000 غا يېقىن كىشى جۇڭگو ئالغا، ئولىمپىك ئالغا دەپ شۇئار توۋلاۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار، ئۇيغۇرلار يوق دىيەرلىك. مەيداننى ساقچىلار، ئەسكەرلەر قورشاۋغا ئېلىۋالغان، ساقچى ئاپشاركىلىرى بولسا، شەھەرنىڭ ئۇيغۇر كوچىلىرىنى پۇراپ يۈرۈيدۇ."

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق يازىدۇ: " مەيداندىكى چوڭ بىر لوزۇنكىدا، 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن' دەپ يېزىقلىق، تېلېۋىزور ئىكرانىدىمۇ، 'شىنجاڭدىكى 47 مىللەت قېرىنداشتۇر' دەپ يېزىقلىق، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنى مۇراسىمنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردا كۆرۈشكە چاقىرغان."

چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، مۇراسىمنىڭ داغدۇغىسىغا ئەمەس بەلكى، رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشئەل ئۇزۇتۇشقا پەرۋاسىزلىقى بولغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قەشقەر كوچىسىدا بىر ئۇيغۇر ئايالنى زىيارەت قىلغىنىدا، بۇ ئايال "بۇ مۇراسىمغا مەن قىزىقمايمەن ھەم قارشى ئالمايمەن" دەپ جاۋاب بەرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىق خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدە مەشئەل كۈتىۋالغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

" شىنجاڭ ‏ - بۇ رايوندىكى 8 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئانا ماكانىدۇر "

خەلقئارا خەۋەرلەردە ئومۇميۈزلۈك تەكىتلەنگىنى، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر رايونىدا مەشئەل مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن مۇقىملىقنىڭ خەلقنىڭ رايىغا ئاساسلانغان تەبىئىي مۇقىملىق ئەمەس، بەلكى تەھدىت ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن سۇنئىي مۇقىملىق ئىكەنلىكىدۇر. يەرشارى ۋاقتى گېزىتى، مۇراسىمدىن ئاۋۋال، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەرگە ۋەتەنپەرلىك تەربىيىسى نامى ئاستىدا ئەگىتمە تەھدىت ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى، رايوندا ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

تەيۋەندە چىقىدىغان بوغاز ۋاقتى گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن : " ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىقلىقى، بۇ رايوندىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ نازۈكلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەنزۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن مونوپول قىلىۋالغان شىنجاڭ ‏ - بۇ رايوندىكى 8 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئانا ماكانىدۇر."

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رايوندىكى ۋەزىيەتتىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: " ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتىن تامامەن قۇلغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنسىز."

" خىتاينىڭ شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئىتتىپاق دېگىنى يالغان "

خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچىسى نىكولىس بىككولىن، بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن : "خىتاي مۇراسىمغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ زەخمەت چەككەن. ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، شۇنى ئېنىق بايان قىلىدۇكى، خىتاينىڭ شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئىتتىپاق دېگىنى يالغان. دېمەك خىتاي، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ."

بۈگۈنكى دۇنيا خەۋەرلىرىدە ئوموميۈزلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى نوپۇس جەھەتتىن تولۇق خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىللە رايوندا ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

" خىتاي ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەتنى خاتا ھالدا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ"

خەۋەرلەردە يەنە، 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا ئولىمپىككە قارشى ئايروپىلان قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ھاجىمۇھەممەد قاتارلىق 45 نەپەر ياشنىڭ ئالدىنقى ئايدا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

نىكولىس ئەپەندى بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: "خىتاي ئۇزۇندىن بېرى، ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنى، تېنچلىق شەكلىدىكى ئۆكتىچىلىكنى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەتنى خاتا ھالدا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ." نىكولىس ئەپەندى بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم پىكىر بايان قىلغان. ئۇ بۇرۇنقى ئىپادىلىرىدە يالغۇز خىتاينىڭ تىنچلىق شەكىلدىكى قارشىلىقلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىشىنى تەنقىد قىلغان ئەمما، قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاپ ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قارشىلىقنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسىدۇر.