مۇلاھىزىچىلەر ھازىر بۇ چوڭ ھەشەمەتتىن قالىدىغان تارىخىي مىراس نېمە؟ دېگەن تېما ئۈستىدە پىكىر قىلماقتا. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن 'ئولىمپىك كېسىلى' دېگەن ئوبزورى 'كۆزىتىش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
'مۇزىكىلىق، پارلاق ئوتوپىيە'
بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى 'چاڭگا' شەكىللىك تەنتەربىيە مەيدانىدا لايىھىلەنگەن ئولىمپىك مۇراسىمى ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىكى رەڭگا - رەڭ چىراقلار كۆزنى چاقنىتىدۇ، مۇزىكىلار كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنداق چوڭ ھەشەمەت ئۈچۈن قانچىلىك پۇل سەرپ قىلىش، قانچىلىك ئادەم ئىشلىتىش، قانچىلىك ۋاقىت زايا قىلىش بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرۋايى پەلەك. ئۇنىڭدا ئىسراپ بولىدىغىنى بەرىبىر ئۆزىنىڭ پۇلى ئەمەس، خەلقنىڭ قان - تەرىدىن كېلىۋېرىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق پەقەت ئۆزىنىڭ بىر 'مۇزىكىلىق، پارلاق ئوتوپىيە' سىنى كۆرگەزمە قىلىۋالسىلا بولدى.
'دەۋر روھى بولمىغان گۈزەل كەشتە'
چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇراسىمنىڭ شەكلىگە ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاڭ - پىكىر جەھەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق. بۇ مۇراسىمنىڭ شەكلى خۇددى سان - ساناقسىز رەڭگا - رەڭ ئەۋرىشىم بىلەن تىكىلگەن بىر گۈزەك كەشتىگە ئوخشىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا دەۋرگە لايىق روھ يوق.
بۇ مۇراسىمدا 'بىر دۇنيا، بىر ئارزۇ' دېگەن گۈزەل شۇئار بار، ئەمما ئۇنىڭدا بۇ 'بىر ئارزۇ' دېگەن ئەركىنلىكمۇ ياكى كوممۇنىزممۇ؟ دېموكراتىيىمۇ ياكى مۇستەبىتلىكمۇ؟ ئىنسانپەرۋەرلىكمۇ ياكى پادىشاھقا غالچىلىقمۇ؟ خۇسۇسىي ئىگىلىكمۇ ياكى كوللېكتىپ ئىگىلىكمۇ ۋە ياكى دۆلەت ئىگىلىكىمۇ؟ ئۇنىڭ مۇئەييەن مەنىسى ياكى روھى نامەلۇم. دېمەك بۇ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ غەرىزىنى يۇشۇرۇۋاتقان مۇراسىم.
'بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن كېيىن پەقەت شۇ ھەشەمەتنىڭ لامپا سۇنۇقلىرى ۋە قەغەز پارچىلىرىدىن باشقا مىراس قالمايدۇ'
چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىنتايىن ئاز پۇل سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەممىسىدە ئەركىنلىك روھى ياڭرايتى.
ئۇنىڭدىن چىققان ھەر بىر سادا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، مۇراسىم بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە تەڭ پەيدا بولغان بىر سادا مۇراسىمدىن كېيىنمۇ ئۇزۇن يىللارغىچە كىشىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئەمما بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، كىشىگە پەقەت شۇ ھەشەمەتنىڭ لامپا سۇنۇقلىرى ۋە قەغەز پارچىلىرىدىن باشقا مىراس قالمايدۇ.
' مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەشەمەتلىك كۆپۈك'
چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل كەشتىنىڭ قاتلىرىنى ئاچسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن قەدىمقى زاماندا خەلق لەنەت ياغدۇرغان زالىم چېن شىخۇاڭدەك 'قەھرىمان' ۋە خىتاي مەدەنىيىتىدىكى مەتبەئە، كومپاس، قەغەز، بېيجىڭ تىياتىرى، تەيجى گۇمپا ۋە شىپالىق كومۇلا دېگەندەك 'كەشپىياتلار' چىقىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا تارىخنى مۇئەييەن شەخسنىڭ قەھرىمانلىقى ياراتقانلىقىنى، ھازىرمۇ ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن تارىخ يارىتىۋاتقانلىقى ۋە تارىخىي مەدەنىيەتلەردىكى ھەر بىر ئىجادىيەتنىڭ مۇئەييەن دەۋر روھى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
خىتايدا ھەممە ئادەم بىر گەۋدىدەك قىلىپ كۆرسىتىلىپ، رەڭگارەڭ چىراق نۇرى بىلەن بېزەلگەن بۇ چوڭ مۇراسىم، ئەمەلىيەتتە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەشەمەتلىك كۆپۈك، شۇنداقلا، مۇساپىنىڭ يۆنىلىشنى كۆرسەتمەيدىغان رەڭگارەڭ بۇياقتىنلا ئىبارەت. بۇ مۇراسىمدا يەنە، تەنھەرىكەتچىلەر بۇ قېتىمقى ئولىمپىك بايرىقىنى كوممۇنىست ساقچىلىرىغا تۇتقۇزغانلىقى، بۇنىڭدا تېخىمۇ يامان غەرەز بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
'خىتايدا ئادەم كۆپ ئىكەنلىكىدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرمىدىم'
ياپونىيىدە چىقىدىغان 'ئاساخى شىنبۇن گېزىتى'نىڭ مۇخبىرلىرى توكيو شەھىرىنىڭ باشلىقى سىنتارو ئىشىخارا ئەپەندىدىن، بەزى كىشىلەر بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى خىتاينىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇراسىم دەۋاتقانلىقىنى، سىنتارو ئەپەندىنىڭمۇ بۇ مۇراسىمنى كۆرگەندىن كېيىن شۇنداق ھېسسىياتقا كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا، سىنتارو ئەپەندى 'بۇ مۇراسىمدا بىر مىليارد 300 مىليون ئادەم بارلىقىنى كۆرگەزمە قىلىپ باشقىلارنى چۆچۈتمەكچى بولغانلىقتىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرمىدىم'دېگەن.
سىنتارو ئەپەندى مۇخبىرغا يەنە، "بۇ مۇراسىمدا ئادەم دېڭىزى كۆرۈندى، بۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'ئادەم دېڭىزى تاكتىكىسى' دېگەن تاكتىكىسى بولسا كېرەك. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ 'ئادەم دېڭىزى تاكتىكىسى'غا 'سەتەڭ خانىم ھېلىسى' نى قوشۇپ ئوينىدى، بۇنداق تاكتىكىمۇ يېڭى نەرسە ئەمەس،" دېگەن.