ئەمدىكى مەسىلە ئولىمپىكنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە ياراتقان تەسىرى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەۋر - تاقەت قىلىش ئېڭىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش ياسىيالايدىغانلىقىدۇر. لېكىن، تەرەپلەر بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلاردا بولۇشماقتا.
ئولىمپىك خىتايغا، "ئېچىۋېتىش ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەۋر - تاقەت قىلىش" ئاتا قىلالمىغان
كۆزەتكۈچىلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئىپادىلىگەن پوزىتسىيىسىنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشماقتا. بۇ مەسىلىدە تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ. بەزىلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاي جەمئىيىتىنى دۇنيانىڭ ئاساسى ئېقىمىغا يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر، ئولىمپىك خىتايغا "ئېچىۋېتىش ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەۋەر - تاقەت " ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئولىمپىك خىتايغا "ئېچىۋېتىش ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەۋر - تاقەت" ئاتا قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئامېرىكا.
ئامېرىكا يەكشەنبە كۈنى ئولىمپىكنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزلىرىدە ئۈمىدسىزلىك ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا نامايىش قىلغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغاندا "خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەۋر - تاقەتچانلىقنى كۆرسەتمىگەنلىكى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى،" دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى باياناتىدا يەنە "مۇنداق دەيدۇ": بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى جۈملىدىن سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندەيمىز."
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر باياناتى بېيجىڭدا نامايىش قىلىپ، تىبەتنى قوللىغانلىقى تۈپەيلى تۇتقۇن قىلىنغان 8 ئامېرىكىلىقنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە قارىتىلغان ئىدى. ئەلچىخانا باياناتىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان كۈن بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىندى.
روگې: ئولىمپىك خىتايغا ئىجابىي ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلىدۇ
خىتاي ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى خەلقئارا بېسىمنىڭ تەسىرى بىلەن بېيجىڭدىكى 3 جاينى نامايىش رايونى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئولىمپىك جەريانىدا ئاز دېگەندە 70 پارچە نامايىش قىلىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھېچ بىرىگە رۇخسەت بەرمىگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگې ئولىمپىك يىغىنى خىتايدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىغۇچى زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭنىڭ قىياپىتىدە بەزى ماددى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماي، بەزى مەنىۋى خاتىرىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
روگې، "ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا خىتاينى تەپسىلى كۆزۈتۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. خىتاي پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلدى. پۈتۈن دۇنيا خىتاينى ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندى. خىتاي بولسا دۇنيانى چۈشەنگەن بولدى. بۇ شۈبھىسىزكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجابىي تەسىرلەرنى يارىتىدۇ." دېدى.
خىتاي يېڭى ئاخبارات قائىدىسىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك
لېكىن، خىتاينىڭ 2008 - يىلى 1 - ئايدا يولغا قويغان ئاخبارات قائىدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن روگې ،" بۇ قائىدىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشى ناتايىن. لېكىن بۇ قائىدە بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا زور ئۆزگىرىشتۇر. بىز بۇ يەردە شۇ ئارزۇيىمىزنى تەكىتلىمەكچى، بۇ قائىدىنىڭ ئاخىرقى چېكى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇشىنى كۈتىمىز"، دەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە جۇڭگودا ئاخبارات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قاراتقان بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى يەڭگىللەتكەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلار خىتاينى ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقى كۆرسەتكۈچى بېكىتىش لازىم
كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇقى كۆرسەتكۈچى بەلگىلەپ، ھازىرقى خاتالىقنى كەلگۈسىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا تەكرار سادىر قىلماسلىققا ئۈندىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن پروگرامما مۇدىرى روزان رايىف مۇنداق دەيدۇ ؛ " خىتاي دائىرىلىرى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش پۇرسىتى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى ئىجرا قىلمىدى. مەجبۇرى كۆچۈرۈش، پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىش، مۇخبىرلارغا چەكلىمە قويۇش قاتارلىقلار كېيىنكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك."
لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگې خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى مەيدانىنى ئاقلىماقتا. ئۇ يەكشەنبە كۈنى ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتكە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ياكى دۇنيادىكى پۈتۈن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي: بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئولىمپىك روھى نامايەن قىلىندى
خىتاينى تەنقىد قىلغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ يەنە بىرى مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا خىتاينى " مەتبۇئات چەكلىمىسى قويۇش، ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا ئىشلىگەن ئاققۇن ئىشچىلارنى كەمسىتىش، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرىنى ئولىمپىك قۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ، ئۆي - ماكانىدىن قوغلاش قاتارلىقلار" بىلەن ئەيىبلىگەن.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئولىمپىك روھىنىڭ نامايەن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى ئولىمپىكنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دەيدۇ : " ئۆتكەنكى 16 كۈن جەريانىدا دۇنيادىكى 204 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىك روھىنى نامايەن قىلدى. ئادىلانە رىقابەت مۇھىتى ئاستىدا باتۇرانە ئېلىشىپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ماھارەت ۋە رىقابەت كۈچىنى نامايەن قىلدى. كىشىنى پەخىرلەندۈرۈدىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى. جەمئىي 38 تۈردە دۇنيا رېكورتى، 85 تۈردە ئولىمپىك رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى."