خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەنسىزچىلىكتە ياشىماقتا

نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىرىكچىلىك غېمىدە تىركىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئېھتىيات ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، گەرچە ھازىرقى ۋەزىيەت "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەن چاغدىكىدىن سەل يۇمشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونتروللۇق يەنىلا ناھايىتى چىڭ بولماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"مەزگىلىدىكىدىن بىر ئاز ياخشىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ كىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكىلەر بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىگە چەكلىمە قويۇلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىنىڭ يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا بۇ كىشى ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك غېمىدە ئېھتىيات ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ،ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا چىڭ ئىكەنلىكىنى ، ساقچىلارنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە قاتناشقان دەپ گۇمان قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېتىنىڭ 20 - ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ جىخىڭنىڭ "5 - ئىيۇل دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى" دىن ئىگىلىگەن مەلۇماتى بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى كوچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىنئالغۇلاردا "5 - ئىيۇل نامايىشى" كۈنى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىدىن، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دە گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارغا جىنايەت ھۆكۈم قىلىشتىكى ئىسپات ئۇچۇن ماتېرىيال توپلاۋېتىپتۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.