ئۇچرىشىش داۋامىدا ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى قارالدى. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە، شۇ جۈملىدىن پارتىيە دەرىجىسىدىكى ھەمكارلىققا قازاقىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يۇقىرى باھا بەرمەكتە.
نۇرلان نىغماتۇلىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق ئالاقىلەرنىڭ بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ لىدېرلىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ئارقىسىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا ليۇ يۈنشەننى "نۇر ئوتان" پارتىيىسىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ھاياتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى پارتىيىنىڭ كەلگۈسىدىكى 13 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا چاقىرغان.
ئۆز نۆۋىتىدە ليۇ يۈنشەن قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ خىتايدا چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاتاقلىق لىدېرلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرى قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى رولىنى ۋە دۇنياۋى مالىيە كرىزىسى دەۋرىدىكى ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇچرىشىش داۋامىدا كېلەچەكتە كەسپىي پارتىيە كادىرلىرىنى تەييارلاشتا ئۆز - ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش تەكلىپلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ليۇ يۈنشەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف بىلەن كۆرۈشكەن ھەم بۇ جەرياندا ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇلار ن. نازاربايېف ۋە خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە داۋامىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ھەمدە قازاقىستان - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاستانادا خىتاي پارتىيە ئۆمىكى يەنە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقە ۋە ئاخبارات مىنىستىرى ئاسقار جۇماغالىيېف بىلەن ئۇچراشتى. سۆھبەت جەريانىدا ئۇلار ئىككى ئەلنىڭ ئالاقە ۋە ئاخبارات ساھەلىرىدىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى ھەم قازاقىستان تېلېۋىزىيە كاناللىرىنى خىتاي جۇمھۇرىيىتىدە ئاڭلىتىش مۇمكىنچىلىكلىرىنى قاراشتۇردى.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي پارتىيە ئۆمىكى 3 - سېنتەبىر كۈنى ئالماتادا بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت، بىلىم ۋە ئاخبارات ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان. ليۇ يۈنشەن شۇنداقلا، ئالماتا شەھىرى ھاكىمى، "نۇر ئوتان" پارتىيىسىنىڭ ئالماتادىكى بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ئېسىموف بىلەن كۆرۈشتى. ئە. ئېسىموف ئالماتانىڭ 70 يىل مابەينىدىكى ئۇتۇقلىرىنى تەكىتلەپ، قازاقىستان بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 30 پىرسەنتىنىڭ، بانك ئىش - ھەرىكەتلىرىنىڭ 55 پىرسەنتىنىڭ، ئاخىرقى سەككىز ئاي ئىچىدىلا دۆلەت مەبلىغى ھېسابىغا چۈشۈۋاتقان ئومۇمىي سېلىقلارنىڭ 29 پىرسەنتىنىڭ ئالماتا شەھىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاتاپ كۆرسەتكەن. ئۇ شۇنداقلا شەھەردە كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاقىستان سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي پارتىيە ئۆمىكى شۇنداقلا ئەل - فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باشلىقى بەخىتجان جۇماقۇلوف ئۇنىۋېرسىتېت تەركىبىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە مەلۇمات بەرگەن. ليۇ يۈنشەن ئۇنىۋېرسىتېت ئىشىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ يەردە مىڭدىن ئوشۇق خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم ئېلىشى قازاقىستان - خىتاي دوستلۇقىنىڭ يارقىن دەلىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.