يېقىنقى بىر - ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە گېرمان مىللەتچىلىرىگە قارشى نامايىشلار ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. ئوخشاشلا گېرمان مىللەتچىلىرىمۇ ھەر يەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتىغا بولغان قاتتىق مۇئامىلىسىگە نازارىلىق بىلدۈرمەكتە. گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا، بىر تەرەپتىن « ئوڭچىل مىللەتچىلەر گۇرۇھى» دېگەن يېڭى نام بىلەن ناتسىستلارنى جىمىقتۇرۇشنىڭ پىلانىغا تۇتۇش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى خاتىرجەم قىلىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسىنىڭ جىددىي يىغىنلىرى ھەر كۈنى داۋام قىلماقتا. گېرمانىيە پرېزىدېنتى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ بۇ يىغىنلاردا ئۆز ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتمەكتە.
ئالدىنقى ھەپتىلەر گېرمانىيىدە ئوڭقانات مىللەتچىلەر گۇرۇھى - يېڭى ناتسىستلار گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى دەپ قارالغان ئۇۋە بۆھنھاردت، بەئاتە، ئۇۋە مۇندلوس قاتارلىق ئۈچ نەپەر مىللەتچىنىڭ 2000 - يىلىدىن 2007 - يىلىغا قەدەر ئۆلتۈرۈلگەن سەككىز نەپەر تۈرك، بىر نەپەر گېرك ۋە بىر نەپەر گېرمان ساقچىسى قاتارلىقلارنىڭ قاتىللىق جىنايىتىگە جاۋابكار ئىكەنلىكى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى پۈتۈن مەتبۇئات، تېلېۋىزورلار يېڭى ناتسىستلار گۇرۇھىنىڭ قاتىللىق جىنايەتلىرىگە ئائىت خەۋەرلەر ۋە مۇلاھىزىلەرگە كەڭ ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، گېرمانىيىنىڭ زاكسېن - ئانخالت شىتاتىغا تەۋە كۆتھېن دېگەن يېرىدە ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى كوچىدا بىر توپ گېرمان ياشلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قاتتىق تاياق يېگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىمۇ نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۆتھېن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىشىچە، بىر توپ گېرمان ياشلىرى ۋاللستراسسە دەپ ئاتالغان كوچىدا ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە يېقىندىن بۇيان بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گېرمان ياشلىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ گاللىرىنى بوغۇۋېلىپ، پۇت سۆڭەكلىرىگە دەسسىگەن ۋە يۈز - كۆزلىرىگە قاتتىق ئۇرغان. ۋەقەنىڭ ئومۇمى جەريانى كامېراغا چۈشۈپ قالغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرىقىغا بىنائەن، 18 ياشلىق بىر گېرمان ياش قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ يېڭى ناتسىستلار گۇرۇھى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار - يوقلۇقى تېخى ئاشكارىلانمىغان. خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا ياشلار ھازىرغا قەدەر تۇتۇلمىغان. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم بۇ ۋەقەنى خىتايلارنىڭ گېرمان مىللىتىگە بېرىۋاتقان سەلبىي تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى گېرمانىيە گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بۇ ۋەقەدىن كېيىن بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان بولۇپ، خەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى، لېكىن جاۋابكارلارنىڭ ھازىرغا قەدەر قانۇننىڭ تورىغا چۈشمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانا خادىمى چېن جۈنفېڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى، گېرمان ياشلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ 3 - 4 قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. چېن جۈنفېڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە قىلغان تەۋسىيىسىدە، گېرمان مىللەتچىلىرى سورۇنىغا يېقىن يولىماسلىقنى، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيىدىكى يېڭى مىللەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيە سىياسىتىگە كۆرە، ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق. بۇ سەۋەبلىك يېڭى مىللەتچىلەر گۇرۇھى دائىم ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ گۇرۇھ يات مىللەتلەرنى يەكلەيدىغان بولۇپ، گېرمانىيە زېمىنىدا گېرمانلار ياشىشى كېرەك، ھەر كىم ئۆز ۋەتىنىدە ياشىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىراق گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە يەرلەشكەن 10 مىليونغا يېقىن كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە گېرمانىيە پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.