لېكىن، خىتاينىڭ بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسىتىدىن گۇمان قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مىليون ياش - ئۆسمۈر سەپەرۋەر قىلىنغان "ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز - ئارا ئۇچرىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەلىم - تەربىيە پائالىيىتى" بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن 5 مىڭ نەپەر يەرلىك ياش ئۆسمۈرنى تاللاپ، ئۇلار بىلەن ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى 5 مىڭ خىتاي ياش - ئۆسمۈرى ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئالاقە ئورناتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنى ھەر ئايدا ئۆز - ئارا ئىككى پارچە خەت يېزىشىش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆز - ئارا تېلېفون سۆزلىشىش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشىنىشى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى چۈشىنىشىنى ئالغا سۈرگەن.
دائىرىلەر يەنە، بۇ يىل يازدا جەنۇبتىكى 5 مىڭ نەپەر يەرلىك ئوقۇغۇچى ئىچىدىن 50 نەپەر ياش - ئۆسمۈرنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەمەلىيەت بىلەن ئۇچرىشىش لاگېرىغا تەشكىللىگەن. ئۇلار ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن "تامىقى بىرگە بولۇش، ياتىقى بىرگە بولۇش، بىرگە ياشاپ، ئۆز - ئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش" پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن بېرى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان دىنىي ۋە سىياسى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە تاشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادى ئىگىلىك ۋە "قوش تىللىق" مائارىپقا دەسمى سېلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر ئىلمىي خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇلار بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىجابىي ھەرىكەت، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مۇددىئاسىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىدىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان پىدا ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىدىكى سىياسى مۇددىئاسى "ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش" دەپ گۇمان قىلىدىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، لاگېرغا قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن تاللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چىقىمىنى كىمنىڭ تۆلىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ 5 كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزېي، پەن - تېخنىكا كۆرگەزمىسى، 8 - ئارمىيە ئىش باشقارمىسى، دۆلەت مۇداپىئە تەلىم - تەربىيە مەركىزى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بۇغدا كۆلى، سۇ ئۈستى باغچىسى، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى مىننەتدارلىق تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىدە جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋەلىك تۇيغۇسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەن ئېلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
پىدا ئەپەندى، ھۆكۈمەت ياكى پارتىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىللىشىدىكى بۇ تۈرلۈك مەجبۇرىي پائالىيەتلەر كۆپ ھاللاردا كىشىلەرگە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سەمىمى بولسا، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى جەمئىيەتنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شۇئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي ياش - ئۆسمۈرلىرىنى يۇقىرىقىدەك پائالىيەتكە تەشكىللىشى تۇنجى قېتىملىقىدۇر. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.
پىدا ئەپەندى، ئىتتىپاقلىقنى بىر تەرەپلىمىلىك تەكىتلەشنىڭ كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن - بىر يولى يەرلىك خەلقنىڭ باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت مۇقىملىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن رايوندىن كەلگەن خەۋەرلەردىن ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ھازىرغا قەدەر جىددىي ئىكەنلىكى مەلۇم. رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بارالمايدىكەن. خىتايلار بولسا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىشتىن قورقۇدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.