ئېلىزابېت ۋىسخنىك: 'خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى رىقابەتكە دۇچ كەلدى'

نۆۋەتتە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خىتاي سىياسىتىنىڭ يېڭى بىر سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا مونتكلائىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېلىزابېت ۋىسخنىكنىڭ، "

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى رىقابەتكە دۇچ كەلدىOpens in new window ]

" ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەم ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان.

ئاپتور ئېلىزابېت ۋىسخنىك ماقالىسىنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، "خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى، يىللاردىن بۇيان ئىچكى ھەم سىرتقى جەھەتتىن ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ سىناق، تاشقى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىر جەھەتتە، روسىيە بىلەن بولغان رىقابەتتە ئىپادىلەنمەكتە. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا سىڭىپ كىرىشىنى تېزلەتكەن بولسىمۇ، ئىچكى جەھەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بارمىغانلىقى، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشى، رايوندىكى تەرەققىياتتىن بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىدا يۈكسىلىش بولماسلىقى، شۇنداقلا بۇ يىللاردا رايوندا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان قاتتىق قول سىياسەت قاتارلىق ئامىللار، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئاخىرى '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى'گە ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى،" دەپ يازىدۇ.

ئېلىزابېت ۋىسخنىك ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق يازىدۇ: "خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، گرۇزىيە ئۇرۇشى ھەم ئۇرۇشتىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ رايوندا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسىستىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، خىتاينىڭ 'پارچىلىنىشقا قارشى تۇرۇش' سىياسىتىگە زىت كەلگىنى ئۈچۈن، خىتاينى بىئارام قىلدى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى، سىرتقى جەھەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىدىكى 'ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش' نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرسا، ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش' شوئارى ئاستىدا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى."

خەلقئارادىكى ئىقتىسادى چېكىنىش، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 2009 - يىلى ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە پارتلىغان "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىقتىسادى جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش پىلانغا زەربە بولدى. بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئېغىر توسالغۇلارغا ئۇچرىدى."

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاد قاسىم ئەپەندى ئېلىزابېت ۋىسخنىكنىڭ ماقالىسىدىكى مۇلاھىزىلەرگە نىسبەتەن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىقتىسادى ھەم سىياسىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىغاندا رۇسىيىگە بەكرەك مايىل ئىكەنلىكىنى شۇڭا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشىنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئازاد قاسىم ئەپەندى يەنە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، ۋەقەدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ قان - قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق سادالىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى سەۋەبلىك، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ، خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە چېتىشلىقى بار دەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئازاد ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىزىستان ۋەسىيىتىگە قارىتا پوزىتسىيىسى ۋە مەيدانى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، قىرغىزىستاندا رۇسىيىگە بولغان مايىللىقنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستانغا نىسبەتەن جىم تۇرۇپ ۋەزىيەتنى كۆزىتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ رايون ئارقىلىق ئۆزىگە قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيىدە بولۇش مەسىلىسى، خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.