خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدىلەشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئائىت بەزى كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ تاشكەنت زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى يالغۇز بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

0:00 / 0:00

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر. ئانالىزچىلار خىتاي-ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت زىيارىتىدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر بەزى كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ بۈگۈن تاشكەنت شەھىرىدە باشلىنىدىغان باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىغا توغرىلانغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىم تەبىئىي گاز، يادرو يېقىلغۇ ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئائىت مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئانالىزچىلار، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسى گەۋدىلىك ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى كېرىموف بىلەن چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەرەپلەرنىڭ "ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مۇقىم ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇران مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، تەرەپلەر يەنە خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىش ۋە خىتاي-ئۆزبېكىستان تەبىئىىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كېلىشىمگە كەلگەن.

بەزى ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئېنېرگىيە تەمىناتى، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە يۈز بەرگەن سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى ئېنېرگىيە تەمىنات لىنىيىسىگە تەھدىت دەپ قاراپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزبېك، قىرغىز ۋە قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كېرىموف ھۆكۈمىتى 2005‏ - يىلى كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. پرېزىدېنت كېرىموف چارشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ غەربتىكى چېگرىسىدا "مۇقىمسىزلىق" نى يوقىتىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، كېرىموفنىڭ "ئۆزبېكىستان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى كۈچلۈك ۋە ئۈزلۈكسىز قوللايدۇ" دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خۇ جىنتاۋ تاشكەنتتىكى مەزگىلىدە جوڭگۇ نېفىت - تەبئىي گاز شىركىتى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك نېفىت - گاز شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاينى ھەر يىلى 10 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كېلىشىمدە تەرەپلەر ئۆزبېكىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى قۇرۇش، خىتاي - ئۆزبېكىستان تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي گازنىڭ باھاسى ۋە خىتاينى قاچان گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. ئانالىزچىلار بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەردە تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى باشلاندى. ئافغانىستاننىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى، قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ۋە قىرغىزىستانغا ياردەم قىلىش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار. لېكىن بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەت قوزغايدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجادنىڭ يىغىنغا قاتناشماسلىقىدۇر.

ئەخمەدىنىجاد ھازىرغا قەدەر شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قالدۇرماي قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىن ئىران رەھبىرىنىڭ غەربكە ھۇجۇم قىلىدىغان مۇھىم سەھنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ئەخمەدىنىجادنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن ماقۇللىغان ئىمبارگو قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ تاشكەنت باشلىقلار يىغىنى ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىندا شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.