خىتاينىڭ باشقىلارغا قايتارما زەربە بېرەلىگۈدەك ئىقتىدارى بارمۇ؟ «خىتاي مودېلى» دەيدىغان يېڭى ئىقتىسادىي مودېل بارمۇ؟ خىتاي ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلالمىدىمۇ؟ خىتاينىڭ ھازىر دۇنيادا گېپى ئۆتەمدۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب بەرگۈزگەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىدىن كىشىلەر خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاي ئۆزىنى چاغلىغان ياكى ياكى چاغلىيالمايۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» 2011 - يىل 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس دەپ ئاتالغان 50 نەپەر تەتىقاتچىنى بېيجىڭغا توپلاپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ كەلگۈسىگە ئائىت بىر قاتار مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بەرگۈزگەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەردىن سورىغان سوئاللارنىڭ يەنە بىرى - دۇنيادا «خىتاي مودېلى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىقتىسادىي مودېل مەۋجۇتمۇ؟ دېگەن سوئال ئىدى. بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى خىتاي ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇچۇر - ئاخبارات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ شۇخۇا. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات شەكلى ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەنە بىرخىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات مودېلى. خىتاي مودېلى - خىتايچە سوتسىئالىزم قۇرۇشتىن ئىبارەت. خىتاي مۇشۇ مودېل بۇيىچە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» پرىنسىپىنى قوللىنىپ تەرەققى قىلدى. بۇرۇن غەرب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ «جامائەت ئېتىراپ قىلغان مەھسۇلات» لىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مودېلى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا زومىگەرلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى. دۇنيا ھازىر خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىن كېيىن، «خىتاي مودېلى»غا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيا تەتقىقاتى ئورنىنىڭ باشلىقى پەن ۋېي، خىتاي مودېلى مەۋجۇت، لىكىن بۇ مودېل پەيدا قىلغان يامان ئىللەت كۆپ دېگەن قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىنىڭ ئۆزىگە خاس تەەرققىيات مودېلى بار. تەيۋەننىڭمۇ شۇنداق. دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىگە خاس تەرەققىيات مودېلى بار دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىيات يولى بىر خىل مودېل. ئەمما خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا باشقىلار ئەندىزە قىلىشقا ئەرزىيدىغان نەرسە بار ياكى يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. مەسىلە پەيدا قىلمىغان مودېلنى ئەندىزە قىلىش كېرەك، مەسىلە پەيدا قىلغان مودېلنى ئەندىزە قىلماسلىق كېرەك. ھالبۇكى، خىتاينىڭ تەرەققىيات مودېلى پەيدا قىلغان يامان ئىللەت خېلى كۆپ.
خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئامېرىكىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى يۇەن پېڭنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابى يۇقىرىقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنياغا باش كۆتۈرۈپ چىقتى، بۇ بىر پاكىت. ئەمما بۇ «خىتاي مودېلى» - بازار ئىگىلىكى، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە يۇمشاق دىپلوماتىيىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە بىرلەشتۈرۈلگەن مۇرەككەپ شەكىل. بۇنىڭدا مەسىلە كۆپ. بۇنى مودېل دەپ كۆتۈرۈپ چىقمىغان ۋە باشقىلارغا دەۋەت قىلمىغان ياخشى.
يەنە بىر سوئال - دېڭ شاۋپىڭنىڭ «جىم تۇرۇۋېلىپ كۈچ توپلاش» دېگەن كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىش قىلغاندا، مۇشلىسا قول ياندۇرماسلىق كېرەكمۇ دېگەن سوئال ئىدى. بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئەربابلارنىڭ بىرى خىتاي ھەربىي پەن - تەتقىقات ئورنىنىڭ باش كاتىبى، گېنېرال مايور لۇ جېن. بۇ ئەرباب سۆزىدە خىتاينىڭ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «جىم تۇرۇۋېلىپ كۈچ توپلاش» دېگەن پەقەت بىر تاكتىكىدىنلا ئىبارەت. ئۇ، ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس. غەرب ئەللىرى ئۇرۇش قىلىش، بۇلاڭ - تالان قىلىش ئارقىلىق باش كۆتۈرگەن. خىتاي بولسا تىنچلىق بىلەن باش كۆتۈردى. خىتاي باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ دىپلوماتىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ب د ت نىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ئەزا دۆلەتلەرنى جازالىغۇدەك ئىقتىدارى يوق. خىتاي بۇنداق ۋەزىيەتتە، قايتارما ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىگەندە، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قورال كۈچى بىلەن قوغدىغاندا، خىتاي ئاندىن ھەقىقىي باش كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرىسىتېتى ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتى ئورنىنىڭ باشلىق يەن شۆتۇڭ، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنيادا داۋاملىق باش كۆتۈرمەكچى بولسا، دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ مېڭىشى كېرەك. 2011 - يىلىدا دۇنيادا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئەرەب بىرلىكى لېۋىيە بىلەن سۈرىيىنى ئەزالىقتىن چىقىرىۋەتتى. لاتىن ئامېرىكىسىدا كارايىپ دېڭىز ى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدە قۇرۇپ، زۆرۈر بولغاندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ئەندىزە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاي دۇنيادا يۈز بەرگەن بۇنداق ئۆزگىرىشلەرگە تېزدىن ماسلىشىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك.
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» بېيجىڭغا توپلانغان ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرىقى كۆز قاراشلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى چەتئەللەرگە تارقىلىدىغان سەھىپىلىرىگە باسقان ئىدى. ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئالىي مۇتەخەسسىس» دەپ ئاتىغان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە، ساپلا قۇرۇق گەپ قىلىدىغان كىشىلەر، خىتايدىكى مەسىللىىلەرنى مۇشۇنداق مۇتەخەسسىسلەر پەيداقىلغان، دەپ ئوبزور يېزىشقا باشلىغان ھامان، بۇ سەھىپىنى ئۇچۇر ئارخىپىدىن ئۆچۈرۈپ چىقىرىۋەتتى.
