پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى ئاشفاق پەرۋىز كايانى 5-يانىۋاردىن 10-يانىۋارغا قەدەر خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلېي، باش شتاب باشلىقى چېن بىڭدې، دۆلەت كومىسسارى دەي بىڭگو ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى چېن يۇيفا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. گېنېرال كايانىنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ۋاقىت قەرەلى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدىغان سەزگۈر بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. يەنى ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلغان بۇ ۋاقىت ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ، خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىدە كرىزىس يۈز بېرىپ، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغايدىغانلىقى قىياس قىلىنىۋاتقان، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيىسىنىڭ نىشانىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ زىيارىتى ناھايىتى تېزلا ھىندىستان ھەربىي ئىستراتېگىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار كايانىنىڭ خىتايغا پاكىستان-ئافغانىستان رايونىدىكى رولىنى كۈچەيتىشكە ئىشىك ئېچىپ بېرىش مۇددىئاسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھىندىستاننىڭ «مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەتقىقاتى ۋە ئانالىزلار» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەندىپ سىڭ تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ئانالىزدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇپ، يېڭى دېھلىنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. پاكىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا تايىنىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بۇ رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۈتلۇقى كۈچىيىپ، پاكىستان خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىپ، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى بۇ يالغۇز ھىندىستان تەرەپنى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇ يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنى يېقىندىن قىزىقتۇرىدىغان ئۇيغۇر ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆلۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە. بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىلگىرىلەپ ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لىكتورى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قوشنا ئەللەرنىڭ پوزىتسىيىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
پاكىستان ئىلگىرى ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە يېقىنلىقىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن بىر قېتىم نامايان قىلغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى دۇنيا ئىسلام كېڭىشى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق پاكىستان بىلەن سۇدان مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئىسلام كېڭىشىىدە مۇزاكىرىگە قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.
ھىندىستانلىق ئانالىزچى مەندىپ سىڭ ئۆزىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، رايوندا بارلىققا كېلىدىغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستان نېفىت ۋە كان بايلىقىغا مەبلەغ سېلىشى، پاكىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى، پاكىستان دېڭىز ساھىلىدىكى گۋادار پورت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشى، قاراقۇرۇم يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشى، نېفىت تۇرۇبا يولى ۋە قاراقۇرۇم تۆمۈريولىنى ياساش پىلانى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرى بۇنىڭ تەييارلىقىدۇر. ئىلشات ھەسەن بولسا خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قەشقەرنى ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئاھالە كۆچۈرۈشنى تېزلىتىشى ئۇنىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشنى نىشان قىلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بەزى ئانالىزچىلار بولسا، خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقىنى، بىراق مۇقىملىقنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ قاراشتىكى كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي پاكىستان ھەربىي رەھبىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، ھەربىي مانېۋىر، ھەربىي تەرلىم تەربىيە، ھەربىي خادىملارنى ئالماشتۇرۇش، ھەربىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا يۈز بەرگەن خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەلىرى» نى پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان قوراللىق كۈچلىرىگە باغلاپ، پاكىستاننى ئاگاھلاندۇرغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ئوبزوردا «ئەگەر شىنجاڭدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچلەر تايانچ بازىغا ئېرىشسە، جۇڭگونىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىپ، ھەربىي جەھەتتە ئارىلىشىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ پاكىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈپ، تاغلىق رايوندىكى ش. ت قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ پاكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئەگەر خىتاي پاكىستاندا بازا قۇرسا، بۇ ھىندىستاننىڭ ئىنكاسىنى قوزغايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
0:00 / 0:00