ئامېرىكا، خىتاي - پاكىستان يادرو ھەمكارلىق پىلانىغا ب د ت نىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى

پاكىستان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى. خىتاي پاكىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم يادرو ئەسلىھەلەر ۋە يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچىسىدۇر.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يادرو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئۇزۇندىن بېرى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاينىڭ پاكىستانغا يېڭى يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا بۇ سودىغا ب د ت نىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

بەزى ئانالىزچىلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى يادرو ھەمكارلىقىدىن بىئارام بولۇشىغا يېتەرلىك سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ بىر يادرو ئېنېرگىيە شىركىتى ئالدىنقى كۈنى پاكىستانغا يېڭىدىن مىڭ مېگا ۋاتلىق چوڭ تىپتىكى يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە دەرھال ئامېرىكا، ھىندىستان قاتارلىق پاكىستاندىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى مەزكۇر قۇرۇلۇش چوقۇم خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا "ۋول ستېرىت ژورنالى" قاتارلىق بەزى چوڭ گېزىتلار خىتاي يادرو سانائىتى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۆ جيەنگاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ پاكىستانغا مىڭ مېگا ۋاتلىق بىر يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭيۈي، سەيشەنبە كۈنى مىڭ مېگا ۋاتلىق چوڭ تىپتىكى مەزكۇر يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي - پاكىستان يادرو ھەمكارلىقى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىش قوزغىدى.

تالاش - تارتىشنىڭ مەركىزى خىتاي مەزكۇر يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشىدا خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرى كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەكمۇ - يوق دېگەن مەسىلىدۇر. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان يەر شارى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش شەرتنامىسىغا ئىمزا قويمىغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ بىرى. شۇڭا خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرى ئورگىنى خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا ئارىلىشىشى كېرەك. لېكىن، خىتاي تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگۇ - پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ھەمكارلىقىدا خىتاي خەلقئارا كومىتېتنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ھاجەتسىز.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، پاكىستاننىڭ بۇرۇن باشقا دۆلەتلەرنى يادرو ماتېرىياللىرى ۋە يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش تارىخىي بارلىقى ۋە شۇنداقلا رادىكال ئىسلامنىڭ تەھدىتى قاتارلىق سەۋەبلەردىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەبى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بۇرۇن پاكىستان بىلەن ئىسلامابادنىڭ 180 كىلومېتىر غەربىي - جەنۇبىدىكى چەشمە يادرو ئىستانسىسىدا 4 يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىشكە پۈتۈشكەن ئىدى. بۇ يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ بىرى بۇرۇن پۈتۈپ رەسمى ئىشقا كىرىشكەن. يەنە بىر رېئاكتور پۈتۈپ سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى قالغان ئىككى يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمى باشلىنىدىغانلىقى، خىتاي يادرو شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جياڭ يۈينىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئىككى يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشى پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ 2003‏ - يىلى ئىمزالىغان يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 3 ۋە 4 ‏- نومۇرلۇق رېئاكتورلارنىڭ ھەر بىرى 300 مېگاۋات توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. جياڭ يۈي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "جوڭگۇ بۇ قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئەھۋاللارنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىغا مەلۇم قىلدى ۋە بۇ ئورگاننى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە كۆزىتىش ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلدى" دېگەن.

لېكىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى خىتايدىن پەرقلىق بولۇپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يادرو ھەمكارلىقى چوقۇم خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرىنى نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

ئامېرىكىنىڭ يادرو بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى توماس دئاگوستىنو چارشەنبە كۈنى ۋېنادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىشىشكە باشلايدىغانلىقى ۋە خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرى ئورگىنىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، "بىز يادرو ئەسلىھەلىرى ئورگىنىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشقا سالىمىز. بىز بۇ ئورگاندىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن پاكىستان ياكى باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىمزالانغان كونكرېت يادرو كېلىشىملىرىنى ھەل قىلىمىز،" دەيدۇ.

خىتاي دۇنيادا پاكىستان بىلەن يادرو ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە پاكىستاننىڭ ئىچكى مۇقىمسىزلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بىردىن بىر چوڭ دۆلەت. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقى، كەشمىر مەسىلىسىدە پاكىستاننى قوللىشى قاتارلىق سەۋەبلەر پاكىستاننىڭ خىتايغا تايىنىشىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ.

خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرى كومىتېتى 1975 ‏- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئورگانغا 2004‏ - يىلى قاتناشقان ئىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئامېرىكا، خىتاي رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق يادرو قوراللار كۇلۇبىغا ئەزا 5 دۆلەتتىن باشقا ئەللەر يادرو ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلسا، چوقۇم خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرى كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پاكىستان، بۇ شەرتنامىغا ئىمزا قويمىغان ئىسرائىلىيە، ھىندىستان ۋە شىمالى كورىيە قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئامېرىكا 2008‏ - يىلى ھىندىستان بىلەن يادرو كېلىشىمى ئىمزالىغاندا مەزكۇر ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالغان. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ پاكىستانغا يادرو رېئاكتور قۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن بۇ ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن، خىتاي پاكىستان بىلەن چەشمە يادرو ئىستانسىسىدا قۇرماقچى بولغان 3 ۋە 4 - نومۇرلۇق يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشى خىتاي خەلقئارا يادرو ماتېرىياللىرى كومىتېتىغا ئەزا بولۇشتىن بۇرۇن پۈتۈشۈپ قويغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.