خىتاي پاكىستاندىكى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.04.22
2008.04.22
"پاكىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا، بەزى ۋاقىتلاردا شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ناھايىتى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ" دېيىلگەن باياناتتا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە سەزگۈر بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي پۇقرالىرى پاكىستاندا ئارقا - ئارقىدىن 5 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان
باش ئەلچى Luo Zhaohui باياناتىدا يەنە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ كۆز يۇمۇلماس دەرىجىدە مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ دوستلۇقنىڭ پاكىستاندىكى بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە باياناتىدا، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئارىمىزدىكى دوستلۇقتىن ھېچقاچان مەمنۇن ئەمەس دەپ ئەسكەرتكەن. لۇ جاۋخۇينىڭ باياناتىدىن بىر كۈن بۇرۇن، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىر قىسىم چەتئەللىك كۈچلەر خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.داۋن گېزىتى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ باياناتىنى، خىتاينىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ھەقىقىي ئەندىشىسىنى تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلىشى دەپ يازغان. ئەمما خىتاينىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ تۇنجى ئەھۋال ئەمەس. پاكىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى ئۆتكەن يىل 7 - ئايدا ئىسلامئابادتىكى ئاخبارات گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوخشاش ئەندىشىلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە مۇنداق شىكايەت قىلغان: " مەن بىر نەرسىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارغا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىنىدۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ 5 - قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى."
لۇ جاۋخۇي بۇ سۆزلەرنى قىلغان چاغدا، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىدە خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 3 خىتاي ئۆلگەن ئىدى. پاكىستاندىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆتكەن يىلى ئىسلامئابادتىكى خىتاي پاھىشىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن كېلىپ چىققان قىزىل مەسچىت ۋەقەسىدىمۇ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
پاكىستاندا 3000 خىتاي، 7000 ساقچى تەرىپىدىن مۇھاپىزەتتە
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پاكىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 3000 نەپەر بولۇپ، بۇلار 7000 نەپەر پاكىستان ساقچىسى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ.ئۆتكەن يىلى، خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشمە بىخەتەرلىك ئەترىتى قۇرۇپ چىققان، بۇ ئەترەتتىكى مۇھاپىزەتچىلەر خىتاي ئەلچىخانىسى، خىتاي تىجارەت ئورۇنلىرى، ئائىلىلىك قوروسى قاتارلىق جايلارنى مۇھاپىزەت قىلغاندىن باشقا، نازارەت ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئىسمائىل سەمەد قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى خىتايغا تاپشۇرغان. شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ پاكىستاندىكى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە قارىتا ئەندىشىسى داۋام قىلماقتا.
پاكىستاندا 8 يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان ھىدايىتۇللا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ ئەندىشىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى پاكىستان - خىتاي دوستلۇقى پەقەت مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ساختا دوستلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاممىۋىي ئاساسى يوق.
ھىدايىتۇللاھ: "پاكىستاندا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن يەنىلا يوچۇق بار"
ھىدايىتۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى كۆپلىگەن ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر شەرقى تۈركىستان خەلقىغە ھېسداشلىق قىلىدۇ، مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، بۇ يەردە يېتىشكەن ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىك يۈكسەكلىكتىكى سىياسىي ئاڭ بىلەن يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، پاكىستاندا يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۆكۈمەت بىر قاتار ئىچەكلەش تەدبىرلىرى قوللانغان بولسىمۇ، يەنە ئىمكانلار مەۋجۇت، چۈنكى پاكىستان خەلقىنىڭ"يانچۇقى" كۆپ بولۇپ، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغانلارنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ھىدايىتۇللاھ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي، پاكىستان - ئافغانىستان چېگرا ئارىسىدىكى تېنچسىز رايونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەربىي تەلىم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.خىتاي باش ئەلچىسى مەزكۇر باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان ئاخباراتى، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررەپنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم يوشۇرۇن تېمىسى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.